جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2016-11-04 12:19:37

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى›› قاتارلىق 5 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (ئۈزۈندە)

(2015–يىل 4–ئاينىڭ 24–كۈنى 12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

25 – نومۇرلۇق

‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى> قاتارلىق 5 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى

12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 – يىغىنى تۆۋەندىكى قانۇن ۋە قانۇنغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراردا باھا باشقۇرۇشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى

40 – ماددىسى: ‹‹دەرسلىكنىڭ باھاسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك نەشر مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئاز پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىدۇ›› دەپ ئۆزگەرتىلدى.

...................................

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پوچتا قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۆمۈر يول قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى››، ‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەدلىيەلىك باھالاشنى باشقۇرۇش مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارارى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى

(1986 – يىل 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىدا ماقۇللانغان،2006 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلگەن، 2015 – يىل 4 – ئاينىڭ 24 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 14 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى> قاتارلىق 5 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب ئوقۇغۇچى

3 – باب مەكتەپ

4 – باب ئوقۇتقۇچى

5 – باب ئوقۇ – ئوقۇتۇش

6 – باب خىراجەت كاپالىتى

7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، پۈتۈن مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ۋە مائارىپ قانۇنىغا ئاساسەن چىقىرىلدى.

2 – ماددا دۆلەت 9 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

مەجبۇرىيەت مائارىپى دۆلەت بىر تۇتاش يولغا قويغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ ھەممىسى جەزمەن قوبۇل قىلىدىغان مائارىپ، دۆلەت جەزمەن كاپالەتلەندۈرىدىغان جامائەت پاراۋانلىق ئىشىدۇر.

مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇش پۇلى ۋە پارچە خىراجەت ئېلىنمايدۇ.

دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

3 – ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلدۈرۈپ، غايىلىك، ئەخلاقلىق، مەدەنىيەتلىك، ئىنتىزامچان سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش شەرت.

4 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت تەۋەلىكىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر جىنسى، مىللىتى، ئىرقى، ئۆي بېساتى، دىنىي ئېتىقادى قاتارلىقلارغا قارىماي، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.

5 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا مەكتەپكە كىرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشى ۋە تاماملىشىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قانۇن بويىچە يولغا قويغان مەكتەپلەر بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بويىچە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى، ئوقۇ–ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

6 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مائارىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى ياخشىلىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، يېزىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەردىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلىرى ۋە مېيىپلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلارنى ئىقتىسادى تەرەققىي تاپمىغان رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللەيدۇ ۋە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

7 – ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپىدا گوۋۇيۈەن رەھبەرلىك قىلىش، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش پىلانلاپ يولغا قويۇش، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاساسلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە كونكرېت مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارمىقى مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

8 – ماددا خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىشلىك ئاپپاراتى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىدە قانۇن–نىزاملارنى ئىجرا قىلىش، ئوقۇ–ئوقۇتۇش سۈپىتى شۇنىڭدەك مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى مۇپەتتىش قىلىدۇ، مۇپەتتىشلىك دوكلاتىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

9 – ماددا ھەر قانداق ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخس مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى ئالاقىدار دۆلەت ئورگىنىغا پاش قىلىش ياكى شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

مۇشۇ قانۇنغا خىلاپ چوڭ ۋەقە يۈز بېرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا توسالغۇ بولۇپ، زور ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا بولغان بولسا، رەھبەرلىك جاۋابكارلىقى بار خەلق ھۆكۈمىتى ياكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ئىستېپا بېرىشى كېرەك.

10 – ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە تەقدىرلەيدۇ، مۇكاپاتلايدۇ.

2 – باب ئوقۇغۇچى

11 – ماددا ئالتە ياشقا توشقان بالىنى ئاتا–ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئۇنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشى ھەمدە ئۇنى تۈگىتىشى ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىشى كېرەك؛ شارائىت يار بەرمەيدىغان جايلاردىكى بالىلار 7 ياشتا مەكتەپكە بېرىلسىمۇ بولىدۇ.

ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى سالامەتلىك تۈپەيلىدىن مەكتەپكە كېچىكتۈرۈپ بېرىشكە ياكى ئوقۇشتىن توختىتىشقا توغرا كەلسە، ئۇلارنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىلتىماس قىلىپ، شۇ جايدىكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

12 – ماددا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەر مەكتەپكە ئىمتىھانسىز كىرىدۇ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ نوپۇسقا ئېلىنغان جايدا يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپكە كىرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ئاتا – ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىدىن نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىن باشقا جايدا ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغانلىرىنىڭ بالىلىرى ئاتا–ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئىشلەيدىغان ياكى تۇرىدىغان جايدا مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان بولسا، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ئۇلارغا مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە باراۋەر تەربىيە ئېلىش شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگىلەيدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ھەربىيلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرىشكە تەشكىللىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشى، تەدبىر قوللىنىپ ئۇلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

شەھەر ئاھالە كومىتېتى ۋە كەنت ئاھالە كومىتېتى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىگە ھەمكارلىشىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

14 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تەستىقلىتىپ قوبۇل قىلىپ، ئەدەبىيات–سەنئەت، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەيدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئۆز ئالدىغا يولغا قويىدىغانلار ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقىغا تەستىقلىتىشى كېرەك.

3 – باب مەكتەپ

15 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى شۇ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە تۇرۇشلۇق ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى ۋە جايلىشىش ئەھۋالى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ. يېڭىدىن قۇرۇلغان ئاھالە رايونىدا مەكتەپ قۇرۇش زۆرۈر بولسا، ئاھالە رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ قۇرۇش كېرەك.

16 – ماددا مەكتەپ قۇرۇشتا دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، ئوقۇ–ئوقۇتۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇش؛ دۆلەت بەلگىلىگەن ئورۇن تاللاش تەلىپى ۋە قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن قىلىپ، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى–خىزمەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

17 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئېھتىياجىغا قاراپ ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇپ، تارقاق تۇرۇۋاتقان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

18 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئىقتىسادى تەرەققىي تاپقان رايونلاردا ئوقۇش يېشىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرى، ئۆسمۈرلىرى قوبۇل قىلىنىدىغان مەكتەپ (سىنىپ) لەرنى ئاچىدۇ.

19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاھىدە مائارىپ يولغا قويۇلىدىغان مەكتەپ (سىنىپ) لەرنى ئېچىپ، ئوقۇش يېشىدىكى كۆزى ئاجىز، قۇلىقى ئېغىر، تىلى كەمتۈك، ئەقلى ئاجىز بالىلار، ئۆسمۈرلەرگە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويىدۇ. ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى (سىنىپ) لىرىدا مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش، سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سورۇن ۋە ئەسلىھە بولۇشى كېرەك.

ئادەتتىكى مەكتەپلەر ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە، سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.

20 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئېھتىياجىغا قاراپ، قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ناچار ئىللىتى بولغان ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرگە مەخسۇس مەكتەپ ئېچىپ، ئۇلارنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلىشى كېرەك.

21 – ماددا قورامىغا يەتمىگەن جىنايەتچىلەر ۋە مەجبۇرىي تەربىيە تەدبىرى قوللىنىلغان قورامىغا يەتمىگەنلەردىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تۈگەتمىگەنلىرىنى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش خىراجەتنى خەلق ھۆكۈمىتى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

22 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى مەكتەپلەرنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتى پەرقىنى كىچىكلىتىشى، مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىقى، مەكتەپلەر سىنىپلارنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىماسلىقى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھەر قانداق نام ياكى باشقىچە يول بىلەن ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك.

23 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مەكتەپ ئەتراپىنىڭ تەرتىپىنى قانۇن بويىچە ساقلاپ، ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە مەكتەپنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداپ، مەكتەپنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

24 – ماددا مەكتەپلەر بىخەتەرلىك تۈزۈمى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تۈگىتىپ، ھادىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەكتەپ ئىمارەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرىدۇ؛ رېمونت قىلىشقا، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.

مەكتەپلەر قەستەن جىنايەت ئۆتكۈزۈپ سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلارنى ياكى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلارنى ئىشلەتمەسلىكى كېرەك.

25 – ماددا مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ ھەق ئالماسلىقى، تاۋار سېتىش، مۇلازىمەت قىلىش يولى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالماسلىقى كېرەك.

26 – ماددا مەكتەپتە مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ، مەكتەپ مۇدىرى دۆلەت بەلگىلىگەن ۋەزىپە ئۆتەش شەرتىگە توشۇشى كېرەك. مەكتەپ مۇدىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە تەكلىپلىك تەيىنلەيدۇ.

27 – ماددا مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ تەنقىد–تەربىيە بېرىشى، ئۇلارنى مەكتەپتىن چىقىرىۋەتمەسلىكى كېرەك.

4 – باب ئوقۇتقۇچى

28 – ماددا ئوقۇتقۇچىلار قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى، خەلقنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇشى كېرەك.

پۈتۈن جەمئىيەت ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلىشى كېرەك.

29 – ماددا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇ–ئوقۇتۇشتا ئوقۇغۇچىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلاردىكى پەرقنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەھۋالىغا قاراپ تەربىيەلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنى كەمسىتمەسلىكى، ئۇلارغا تەن جازاسى، شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى ياكى ئىنسانىي ئىززىتىگە تېگىدىغان باشقا ھەرىكەتلەردە بولماسلىقى، قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى كېرەك.

30 – ماددا ئوقۇتقۇچىلار دۆلەت بەلگىلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى كېرەك.

دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپىدا بىرلىككە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ۋەزىپە تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى تۆۋەن دەرىجىلىك ۋەزىپە، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ۋەزىپە ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپە دەپ ئايرىلىدۇ.

31 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش – پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدۇ؛ يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائاش خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك.

ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئالاھىدە ئىش ئورنى قوشۇمچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى ۋە چەت، نامرات رايونلاردا ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار جاپالىق – نامرات رايونلار ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

32 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى، تەدبىر قوللىنىپ، پېداگوگىكا ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى تەكشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەكتەپ مۇدىرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلىشى، تەڭشىشى، ئاجىز مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

33 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شەھەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلارغا، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىپ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېزىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى كەمچىل مەكتەپلەردە پىدائىي ئوقۇتقۇچى بولۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى قانۇن بويىچە بېكىتىدۇ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ۋاقتىنى خىزمەت ئىستاژىغا كىرگۈزۈپ ھېسابلايدۇ.

5 – باب ئوقۇ – ئوقۇتۇش

34 – ماددا ئوقۇ – ئوقۇتۇش خىزمىتىنى مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي، روھىي جەھەتتىكى يېتىلىش ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈرۈپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەپ، ئەخلاق تەربىيەسى، ئەقلىي تەربىيە، تەنتەربىيە، گۈزەللىك تەربىيەسى قاتارلىقلارنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

35 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن يېتىلىش ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، ئوقۇتۇش تۈزۈمى، ئوقۇ–ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە دەرسلەرنى بېكىتىپ، ئىمتىھان تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ ھەمدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى ياخشىلاپ، ساپا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇ–ئوقۇتۇش پائالىيىتىنى بېكىتىلگەن ئوقۇ – ئوقۇتۇش مەزمۇنى ۋە دەرسلەر بويىچە ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي سۈپەت تەلىپىگە يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

دۆلەت مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلھاملاندۇرۇش يولى بىلەن تەربىيەلەش قاتارلىق ئوقۇ–ئوقۇتۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئوقۇ–ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

36 – ماددا مەكتەپلەر ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇنى ئوقۇ – ئوقۇتۇشقا سىڭدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشىغا ماس كېلىدىغان ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەت ئۆزئارا ماسلىشىدىغان ئىدىيەۋى ئەخلاق تەربىيەسى سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىل ئىدىيەۋى پەزىلەت ۋە ھەرىكەت ئادىتى يېتىلدۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

37 – ماددا مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇلارنى مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىشقا ئوخشاش دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرگە ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك. جامائەت مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا قولايلىق بولۇشى كېرەك.

38 – ماددا دەرسلىكنى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنى ۋە دەرسلىك ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈش، مەزمۇنىنى ئىخچام، مېغىزلىق قىلىش، زۆرۈر ئاساسىي بىلىم ۋە ئاساسىي ماھارەتلەرنى كىرگۈزۈش، ئەرزان ۋە ئەسقاتىدىغان قىلىش، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە دەرسلىك تەكشۈرگۈچىلەر دەرسلىك تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشسا ياكى باشقىچە يول بىلەن قاتناشسا بولمايدۇ.

39 – ماددا دۆلەت دەرسلىكنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دەرسلىكنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ.

تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى نەشر قىلىشقا، ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

40 – ماددا دەرسلىكنىڭ باھاسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ باھا مەمۇرىي تارمىقى تەڭ دەرىجىلىك نەشر مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە، ئاز پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىدۇ.

41 – ماددا دۆلەت دەرسلىكنى تەكرار ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ.

6 – باب خىراجەت كاپالىتى

42 – ماددا دۆلەت مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مالىيە كاپالىتى دائىرىسىگە تولۇق كىرگۈزىدۇ، مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتات ئۆلچىمى، مائاش ئۆلچىمى ۋە مەكتەپ قۇرۇش ئۆلچىمى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمى قاتارلىقلار بويىچە، ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە ۋە مەكتەپ ئىمارىتى بىخەتەرلىكىگە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بەلگىلىمە بويىچە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا مالىيەدىن ئاجرىتىدىغان پۇلنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى مالىيەنىڭ دائىملىق كىرىمىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدىن يۇقىرى قىلىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە قاراپ تەدرىجىي كۆپەيتىشكە، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىنى تەدرىجىي كۆپەيتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

43 – ماددا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە تارمىقى مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بېكىتىدۇ ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتى ئاساسىي ئۆلچىمىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشتە ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئاساسىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايوننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجەت ئۆلچىمىنى دۆلەت ئۆلچىمىدىن يۇقىرى قىلىپ بېكىتسىمۇ بولىدۇ.

ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپ (سىنىپ) لىرى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمى ئادەتتىكى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرچە ئورتاق خىراجىتى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

44 – ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىدە گوۋۇيۈەن ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇلىيىتى بويىچە ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىر تۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولىدىغان تۈزۈلمە يولغا قويۇلىدۇ. يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كېرەكلىك خىراجەتنى ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۈر ۋە نىسبەت بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەردىن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بارلىرىغا دەرسلىكنى ھەقسىز بېرىدۇ ھەمدە ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغانلارغا تۇرمۇش پۇلى بېرىدۇ.

مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

45 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مالىيە خامچوتىدا ئايرىم ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

يېزىلاردىكى مەكتەپلەر ۋە ئاجىز مەكتەپلەرگە مايىل بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خامچوت تۈزگەندە مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

46 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە يۆتكىمە چىقىمى تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى ۋە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەرگەن مەجبۇرىيەت مائارىپى يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا بەلگىلىمە بويىچە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

47 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا قاراپ، مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزىلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا مەدەت بېرىدۇ.

48 – ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئىئانە ۋە ھەدىيە قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، دۆلەتنىڭ فوند جەمئىيىتىنى باشقۇرۇشتا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھام بېرىدۇ.

49 – ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى قەتئىي تۈردە خامچوتتا بەلگىلەنگىنى بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئىشلىتىش كېرەك؛ ھەر قانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا، مەكتەپتىن قانۇنسىز ھەق ئېلىشىغا ياكى سېلىق سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

50 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتى تەپتىش نازارەتچىلىكى قىلىش ۋە ئىستاتسىتىكا قىلىپ ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك.

7 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

51 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 6 – بابىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى گوۋۇيۈەن ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

52 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ:

(1) مەكتەپ قۇرۇش يىرىك پىلانىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە تۈزمىگەن، تەڭشىمىگەنلىرى؛

(2) قۇرغان مەكتىپى دۆلەت بەلگىلىگەن مەكتەپ ئېچىش ئۆلچىمى، ئورۇن تاللاش تەلىپى ۋە قۇرۇش ئۆلچىمىگە توشمىغانلىرى؛

(3) مەكتەپ ئىمارەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قەرەللىك تەكشۈرمىگەن ھەمدە ۋاقتىدا رېمونت قىلمىغان، ئۆزگەرتمىگەنلىرى؛

(4) مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرمىغانلىرى.

53 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ:

(1) مەكتەپنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىغانلىرى؛

(2) ھۆكۈمەت مەكتىپىنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ياكى باشقىچە يول بىلەن ئۆزگەرتىۋەتكەنلىرى.

ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ياكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە كىرگۈزۈشتە ياكى ئۇلارنىڭ مەكتەپتىن توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تەدبىر قوللانمىغانلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

54 – ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى، مالىيە تارمىقى، باھا مەمۇرىي تارمىقى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگىنى تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلارنى مەسئۇلىيىتى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى ئىگىلىۋالغان، ئىشلىتىۋالغانلىرى؛

(2) مەكتەپتىن قانۇنسىز ھەق ئالغان ياكى مەكتەپكە سېلىق سالغانلىرى.

55 – ماددا مەكتەپلەر ياكى ئوقۇتقۇچىلاردىن مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىدە مائارىپ قانۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىرىغا مائارىپ قانۇنى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

56 – ماددا ھەق ئېلىشتا دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغان مەكتەپلەرنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

مەكتەپلەردىن تاۋار سېتىش، مۇلازىمەت قىلىش يولى ياكى باشقىچە يول بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن نەپ ئالغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

دۆلەت ئورگىنى خادىملىرى ۋە دەرسلىك تەكشۈرگۈچىلەردىن دەرسلىك تۈزۈشكە قاتناشقان ياكى باشقىچە يول بىلەن قاتناشقانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ئۇنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ ئۇلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

57 – ماددا مەكتەپلەردىن تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ:

(1) ئادەتتىكى مائارىپ بويىچە تەربىيە ئالالايدىغان ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى ئوقۇشقا ئالمىغانلىرى؛

(2) سىنىپنى نۇقتىلىق ۋە ئادەتتىكى دەپ ئايرىغانلىرى؛

(3) ئوقۇغۇچىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپتىن چىقىرىۋەتكەنلىرى؛

(4) بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى ئىشلەتكەنلىرى.

58 – ماددا ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئاتا–ئانىسى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرىدىن يولسىز سەۋەب كۆرسىتىپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى مەكتەپكە بەرمىگەنلىرىگە شۇ جايدىكى يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى ياكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى تەنقىد، تەربىيە بېرىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ.

59 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرى بولغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ:

(1) مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى زورلاپ ياكى ئازدۇرۇپ مەكتەپكە بەرمىگەن، مەكتەپتىن توختىتىۋالغانلار؛

(2) مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى قانۇنسىز ئىشلەتكەنلەر؛

(3) قانۇن بويىچە بېكىتىلمىگەن دەرسلىكنى نەشر قىلغانلار.

60 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

8 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

61 – ماددا مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيە ئالىدىغان ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەردىن پارچە خىراجەت ئالماسلىق قەدەم – باسقۇچىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

62 – ماددا ئىجتىمائىي تەشكىلات ياكى شەخسلەر قانۇن بويىچە قۇرغان پۇقرا مەكتەپلىرىدىن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغانلىرىغا پۇقرا مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ؛ پۇقرا مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىدا بەلگىلىمە بولمىسا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

63 – ماددا بۇ قانۇن 2006 – يىل 9 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى

    1999 - يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قامال قانۇنى

    (1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى 1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 61 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  • مەمۇر ئايالنى ئۆزىگە تېگىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەر

    ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﺪﺍ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞ ﻟﻴﺎﯕﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺰﻧﯽ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯽ ﺑﻪﻟگﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﯩﻠﭗ ﺟﺎﯞ ﻟﯩﻴﺎﯓ ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮪﻪﻗﻘﯽ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

    ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتنىڭ چىنلىقى، قا...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有