جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قانۇنى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: loqman

يوللانغان ۋاقتى: 2016-08-29 18:00:58

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قانۇنى

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست

3 – باب ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ۋە ئىسپات

4 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

5 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى قانۇن كۈچىگە ئىگە قىلىش، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا دېگىنىمىز، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستتىكى ئىمزا قويغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە ئىمزا قويغۇچىنىڭ مەزمۇننى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان، ئېلېكتىرون شەكىلدىكى سانلىق مەلۇماتنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست دېگىنىمىز، ئېلېكتىرونلۇق، ئوپتىكىلىق، ماگنىتلىق ۋاسىتە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاسىتە بىلەن شەكىللەنگەن، يوللانغان، قوبۇل قىلىنغان ياكى ساقلانغان ئۇچۇرنى كۆرسىتىدۇ.

3 – ماددا ھەق تەلەپ پائالىيىتىدىكى توختام ياكى باشقا ھۆججەت، ئىسپات قاتارلىق خەت – ئالاقىلەردە ئالاقىدارلار ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست ئىشلىتىش – ئىشلەتمەسلىكنى پۈتۈشسە بولىدۇ.

ئالاقىدارلار ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنى ئىشلىتىشنى پۈتۈشكەن بولسا، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست شەكلىنى قوللانغانلىقى بىلەنلا، ئۇنىڭ قانۇن كۈچىنى ئىنكار قىلسا بولمايدۇ.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە تۆۋەندىكى خەت – ئالاقىلەرگە تەتبىقلانمايدۇ:

(1) نىكاھ، بېقىۋېلىش، ۋارىسلىق قاتارلىق جىسمانىي مۇناسىۋەتكە چېتىلغانلىرى؛

(2) يەر، ئۆي قاتارلىق كۆچمەس مۈلۈك ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە چېتىلغانلىرى؛

(3) سۇ، پار، گاز، توك توختىتىش قاتارلىق جامائەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىگە چېتىلغانلىرى؛

(4) قانۇن – مەمۇرىي نىزاملاردا ئېلېكتىرونلۇق خەت – ئالاقە ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

2 – باب سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست

4 – ماددا مەزمۇننى شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەمدە خالىغان چاغدا تەكشۈرگىلى بولىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست قانۇن – نىزاملاردىكى تەلەپكە ئۇيغۇن يازما شەكىل دەپ قارىلىدۇ.

5 – ماددا تۆۋەندىكى شەرتكە توشىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئەسلىي نۇسخا بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن دەپ قارىلىدۇ:

(1) مەزمۇننى ئۈنۈملۈك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەمدە خالىغان چاغدا تەكشۈرگىلى بولىدىغان بولۇش؛

(2) ئەڭ ئاخىرقى شەكىللەنگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، مەزمۇننى ئۆزگەرتىۋەتمەي مۇكەممەل ساقلاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولۇش. لېكىن، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستكە ئارقا ئىمزا قويۇش شۇنىڭدەك سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش، ساقلاش، كۆرسىتىش جەريانىدا كۆرۈلگەن شەكىل ئۆزگىرىشى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ مۇكەممەللىكىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

6 – ماددا تۆۋەندىكى شەرتكە توشىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھۆججەت ساقلاش تەلىپىگە ئۇيغۇن دەپ قارىلىدۇ:

(1) مەزمۇننى ئۈنۈملۈك ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ھەمدە خالىغان چاغدا تەكشۈرگىلى بولىدىغان بولۇش؛

(2) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ ئەندىزىسى شەكىللەنگەن، يوللانغان ياكى قوبۇل قىلىنغان چاغدىكى ئەندىزە بىلەن ئوخشاش بولۇش ياكى ئەندىزىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەسلىدە شەكىللەنگەن، يوللانغان ياكى قوبۇل قىلىنغان مەزمۇننى توغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بولۇش؛

(3) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنى ئەۋەتكۈچىنى، تاپشۇرۇۋالغۇچىنى شۇنىڭدەك يوللانغان ياكى قوبۇل قىلىنغان ۋاقتىنى پەرق ئەتكىلى بولىدىغان بولۇش.

7 – ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست ئېلېكتىرونلۇق، ئوپتىكىلق، ماگنىتلىق ۋاسىتە ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاسىتە بىلەن شەكىللەنگەن، يوللانغان، قوبۇل قىلىنغان ۋە ياكى ساقلانغانلىقى ئۈچۈنلا ئىسپات سۈپىتىدە ئىشلىتىشنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ.

8 – ماددا دەلىل – ئىسپات قىلىنىدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ چىنلىقىنى تەكشۈرۈشتە، تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىش كېرەك:

(1) سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ شەكىللىنىش، ساقلىنىش ياكى يەتكۈزۈلۈش ئۇسۇلىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى؛

(2) مەزمۇنىنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلاش ئۇسۇلىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى؛

(3) يوللىغۇچىنى پەرق ئېتىش ئۇسۇلىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى؛

(4) مۇناسىۋەتلىك باشقا ئامىللار.

9 – ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولسا، يوللىغۇچى يوللىغان دەپ قارىلىدۇ:

(1) يوللىغۇچىنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن يوللانغان بولسا؛

(2) يوللىغۇچىنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسىدا ئاپتوماتىك يوللانغان بولسا؛

(3) قوبۇل قىلغۇچى يوللىغۇچى ئېتىراپ قىلغان ئۇسۇل بىلەن سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنى تەكشۈرگەندىن كېيىن نەتىجىسى تەلەپكە ئۇيغۇن بولسا.

ئالاقىدارلار ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ.

10 – ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلار شۇنداق پۈتۈشكەن بولسا، تاپشۇرۇۋالغانلىقنى جەزملەشتۈرۈشى كېرەك. يوللىغۇچى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى جەزملەشتۈرسە، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست تاپشۇرۇۋېلىندى دەپ قارىلىدۇ.

11 – ماددا سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست يوللىغۇچىنىڭ كونتروللۇقىدا بولمىغان مەلۇم ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرگەن ۋاقىت شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ يوللانغان ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ.

تاپشۇرۇۋالغۇچى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنى مۇئەييەن سىستېمىدىن قوبۇل قىلىشنى بېكىتكەن بولسا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست شۇ مۇئەييەن سىستېمىغا كىرگەن ۋاقىت شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ قوبۇل قىلىنغان ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ؛ مۇئەييەن سىستېمىنى بېكىتمىگەن بولسا، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ھەر قانداق سىستېمىسىغا تۇنجى كىرگەن ۋاقىت شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ قوبۇل قىلىنغان ۋاقتى دەپ قارىلىدۇ.

ئالاقىدارلار سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنى يوللاش ۋاقتى، تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقتىنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ.

12 – ماددا يوللىغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ يوللانغان ئورنى بولىدۇ، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ قوبۇل قىلىنغان ئورنى بولىدۇ. ئاساسلىق تىجارەت ئورنى بولمىغانلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ يوللانغان ياكى قوبۇل قىلىنغان ئورنى بولىدۇ.

ئالاقىدارلار سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنى يوللاش ياكى قوبۇل قىلىش ئورنىنى ئايرىم پۈتۈشكەن بولسا، شۇ بويىچە بولىدۇ.

3 – باب ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ۋە ئىسپات

13 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزادىن تۆۋەندىكى شەرتكە توشىدىغانلىرى ئىشەنچلىك ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا دەپ قارىلىدۇ:

(1) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا ئىشلەتكەندە، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچىغىلا تەئەللۇق بولسا؛

(2) ئىمزا قويغاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچىلا كونترول قىلسا؛

(3) ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كىرگۈزۈلگەن ھەرقانداق ئۆزگىرىشنى بايقىۋالغىلى بولسا؛

(4) ئىمزا قويۇلغاندىن كېيىن، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىستنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىدىكى ھەرقانداق ئۆزگىرىشنى بايقىۋالغىلى بولسا.

ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن ئىشەنچلىك شەرتكە توشىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى تاللىسىمۇ بولىدۇ.

14 – ماددا ئىشەنچلىك ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا يازما ئىمزاغا ياكى تامغىغا ئوخشاش قانۇن كۈچىگە ئىگە.

15 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك. ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى ياكى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىق ئېھتىمالىنى بىلگەن ھامان، ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك شۇ سانلىق مەلۇماتنى ئىشلىتىشنى توختىتىشى كېرەك.

16 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا 3 – تەرەپ ئىسپات بېرىشكە توغرا كەلسە، قانۇن بويىچە قۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىسپات بېرىدۇ.

17 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشتا، تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك:

(1) كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگە سالاھىيىتىگە ئېرىشىش؛

(2) ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىگە مۇناسىپ كەسپىي تېخنىكا خادىمى ۋە باشقۇرغۇچىسى بولۇش؛

(3) ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىگە مۇناسىپ مەبلىغى ۋە تىجارەت سورۇنى بولۇش؛

(4) دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىسى بولۇش؛

(5) دۆلەتنىڭ شىفىر باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ شىفىر ئىشلىتىشكە قوشۇلغانلىق ئىسپات ھۆججىتى بولۇش؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا شەرتلەر.

18 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىش ھەمدە مۇشۇ قانۇننىڭ 17 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن شەرتكە توشىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ سودا مەسئۇل تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىن پىكىر ئالغاندىن كېيىن، ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 45 كۈن ئىچىدە، ئىجازەت بېرىش – بەرمەسلىك توغرىسىدا قارار چىقىرىدۇ، ئىجازەت بەرگەنلىرىگە ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ؛ ئىجازەت بەرمىگەن بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچىغا يازما ئۇقتۇرىدۇ ھەمدە سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ.

ئىسپات بېرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە نامى، ئىجازەتنامە نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئالاقە تورىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.

19 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش كەسىپ قائىدىسىنى تۈزۈشى ۋە ئېلان قىلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش كەسىپ قائىدىسى مەسئۇلىيەت دائىرىسى، مەشغۇلات قائىدىسى، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

20 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىدىن ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا بەرگەن ئۇچۇرى چىن، تولۇق ۋە توغرا بولۇشى كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ دەلىللىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈشى كېرەك.

21 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىمزالىغان ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى توغرا بولۇشى ھەمدە ئۇنىڭدا تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك:

(1) ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ نامى؛

(2) ئىسپاتنامىسى بار ئادەمنىڭ ئىسمى؛

(3) ئىسپاتنامىنىڭ رەت نومۇرى؛

(4) ئىسپاتنامىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى؛

(5) ئىسپاتنامىسى بار ئادەمنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاسىنى تەكشۈرگەنلىك سانلىق مەلۇماتى؛

(6) ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاسى؛

(7) گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا مەزمۇنلار.

22 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى مەزمۇنىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتىدە مۇكەممەل، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى شەرت قىلغۇچىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسىدە يېزىلغان مەزمۇننى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئىسپاتلىشى ۋە چۈشىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

23 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى توختىتىپ تۇرىدىغان ياكى توختىتىدىغانلىرى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى توختىتىشتىن 90 كۈن ئىلگىرى، ئىش ئېلىش ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ئالاقىدار تەرەپلەرگە ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى توختىتىپ تۇرىدىغان ياكى توختىتىدىغانلىرى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى توختىتىشتىن 60 كۈن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلىشى ھەمدە باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچى بىلەن ئىش ئېلىش توغرىسىدا كېڭىشىپ، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار بىلەن ئىش ئېلىش توغرىسىدا كېلىشەلمىگەنلىرى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا قىلىۋاتقان ئىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەتنامىسى قانۇن بويىچە بىكار قىلىنغانلىرىنىڭ ئالغان ئىش تۈرى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

24 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار ئىسپات بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئوبدان ساقلىشى كېرەك، ئۇچۇرنى ساقلاش ۋاقتى ئاز دېگەندە ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى كۈچتىن قالغاندىن كېيىن بەش يىلغىچە بولىدۇ.

25 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى كەسپىنى كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى مۇشۇ قانۇن بويىچە تۈزۈپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

26 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى سىرتىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار چېگرا سىرتىدا ئىمزالىغان ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدار كېلىشىمگە ياكى باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا ئاساسەن تەستىقلىغاندىن كېيىن، مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن قۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچى ئىمزا قويغان ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى بىلەن ئوخشاش قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

4 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

27 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچىلاردىن ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگەن ياكى ئاشكارىلىنىپ قالغانلىق ئېھتىمالىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغان ھەمدە مۇشۇ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنى ئىشلىتىشنى توختاتمىغان، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا چىن، تولۇق ۋە توغرا ئۇچۇر بەرمىگەن ياكى باشقا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى شەرت قىلغۇچى ۋە ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىغا زىيان سالغانلىرى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

28 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچىلار ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى شەرت قىلغۇچىلار ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىگە ئاساسلىنىپ، ھەق تەلەپ پائالىيىتىدە زىيان تارتقاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچى خاتالىقى يوقلۇقىنى ئىسپاتلىيالمىسا، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

29 – ماددا ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغانلارنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 300 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

30 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى توختىتىپ تۇرىدىغان ياكى توختىتىدىغانلاردىن ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتىنى توختىتىپ تۇرۇش ياكى توختىتىشتىن 60 كۈن ئىلگىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا دوكلات قىلمىغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

31 – ماددا ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلغۇچىلاردىن ئىسپات بېرىش قائىدىسىگە رىئايە قىلمىغان، ئىسپات بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئوبدان ساقلىمىغان ياكى قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بولغانلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ ئۇچۇرچىلىق مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئون يىلغىچە رۇخسەت قىلمايدۇ. ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغانلىرىنى ئېلان قىلىش ھەمدە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك.

32 – ماددا باشقىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاسىنى ياسىۋالغان، ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان، ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋالغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ؛ باشقىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

33 – ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە ئېلېكتىرونلۇق ئىسپات بېرىش مۇلازىمىتى كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل تارماقنىڭ خادىملىرىدىن مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

5 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

34 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى دېگىنىمىز ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتى بولغان ھەمدە ئۆزى ياكى ئۆزى ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىنىڭ نامىدا ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ؛

(2) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى شەرت قىلغۇچى دېگىنىمىز ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسىگە ئاساسلىنىپ ياكى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا ئىشىنىپ پائالىيەت قىلغۇچىنى كۆرسىتىدۇ؛

(3) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ئىسپاتنامىسى ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچى بىلەن ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇماتنىڭ باغلىنىشى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست ياكى باشقا ئېلېكتىرونلۇق خاتىرىنى كۆرسىتىدۇ؛

(4) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزاغا كېرەكلىك سانلىق مەلۇمات دېگىنىمىز ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويۇش جەريانىدا ئىشلىتىلگەن، ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا بىلەن ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا قويغۇچىنى ئىشەنچلىك باغلاپ تۇرىدىغان ھەرپ – بەلگە، كود قاتارلىق سانلىق مەلۇماتنى كۆرسىتىدۇ؛

(5) ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى تەكشۈرىدىغان سانلىق مەلۇمات دېگىنىمىز ئېلېكتىرونلۇق ئىمزانى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىدىغان سانلىق مەلۇماتى، جۈملىدىن كود، پارول، ھېسابلاش ئۇسۇلى ياكى ئاچقۇچ قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

35 – ماددا گوۋۇيۈەن ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن تارماق مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت پائالىيىتى ۋە باشقا پائالىيەتلەردە ئېلېكتىرونلۇق ئىمزا ۋە سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكتىرون تېكىست ئىشلىتىش كونكرېت چارىسىنى تۈزسە بولىدۇ.

36 – ماددا بۇ قانۇن 2005 – يىل 4 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى

    1999 - يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قامال قانۇنى

    (1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى 1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 61 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  • مەمۇر ئايالنى ئۆزىگە تېگىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەر

    ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﺪﺍ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞ ﻟﻴﺎﯕﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺰﻧﯽ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯽ ﺑﻪﻟگﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﯩﻠﭗ ﺟﺎﯞ ﻟﯩﻴﺎﯓ ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮪﻪﻗﻘﯽ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

    ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتنىڭ چىنلىقى، قا...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有