ئەمدى ئايروپىلاندا يانفون ئوينىسىڭىز 50 مىڭ يۈەن جەرىمانە تۆلەيسىز

مەنبە: nur.cn

تەھرىر:

يوللانغان ۋاقتى: 2016-08-10 18:48:54

جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە قانۇنى»نىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى ئېلان قىلدى، پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرى ئىچىدە يانفون ياكى باشقا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش، تاماكا چېكىش، ئورۇن، يۈك-تاق جازىسىنى ئىگىلىۋېلىش، توسۇۋېلىش، رەسمىيەت بېجىرىش پۇكىيى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش كارىدورى ۋە تىزىملاش ئېغىزىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق چەكلەش بەلگىلەندى.

خەلق ئاۋىياتسىيە قانۇنى 1996-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان، بۇ قېتىملىق تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئاساسلىقى خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىك باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادچان باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ھەممىباب ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تىرانسپورت ئىسپاتلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، تىرانسپورت مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا، 78 قانۇن ماددىسى ئۆزگەرتىلدى ياكى ئۆچۈرۈلدى، يېڭىدىن 24 ماددا قوشۇلدى.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا 14 خىل خەلق ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىگە خەۋپ كەلتۈرىدىغان قىلمىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇلار ئاساسلىقى:

ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىلىرىدا يانفون ئىشلىتىش، تاماكا چېكىش؛

ئورۇن، رەسمىيەت بېجىرىش پۇكىيىنى زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش؛

ئۇچۇۋاتقان ياكى يەر يۈزىدىكى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنى بۇلاش؛

ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى ياكى ئايرودرومدا ئادەم تۇتقۇن قىلىش؛

ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى، ئايرودروم ياكى ئاۋىياتسىيە مەيدانلىرىغا زورلۇق بىلەن ئۈسۈپ كىرىش، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنىڭ ھەيدەش بۆلمىسىگە بېسىپ كىرىش، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىگە زورلۇق بىلەن توسقۇنلۇق قىلىش؛

قورال، خەتەرلىك ئەسۋاب ياكى خەتەرلىك ماتېرىياللارنى قانۇنسىز ھالدا ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى، ئايرودروم ياكى ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا ئېلىپ كىرىش؛

خەتەرنى يالغان مەلۇم قىلىش، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇش، ئۇچۇۋاتقان ياكى يەر يۈزىدىكى ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىگە، ئايرودروم ياكى خەلق ئاۋىياتسىيە مەيدانلىرى ئىچىدىكى يولۇچىلارغا، ئايروپىلان گۇرۇپپىسى، يەر يۈزى خادىملىرى ياكى ئاممىۋىي بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزىدىغان يالغان ئۇچۇر تارقىتىش.

ئوغرىلىق، قەستەن بۇزۇۋېتىش، ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسى ئۈسكۈنىلىرىنى ۋە ئايرودروم ئىچىدىكى باشقا ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنى خالىغانچە يۆتكىۋېتىش، ئۇچۇۋاتقان ئاۋىياتسىيە ۋاسىتىسىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئىشىكىنى زورلۇق بىلەن ئېچىۋېتىش قاتارلىقلار؛

يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خەلق ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكى، تەرتىپىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇنسىز دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىغا جازا بېرىشتە، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلارغا ياكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» غا ئاساسەن جازالاشقا ئامال بولمىغانلارغا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش جازا قانۇنى» دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جازا بېرىلىدۇ، قىلمىشى ئالاھىدە ئېغىر بولغانلارغا بېرىلىدىغان جەرىمانە سوممىسىنى 50 مىڭ يۈەنگىچە كۆپەيتىشكە بولىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى

    1999 - يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قامال قانۇنى

    (1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى 1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 61 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  • مەمۇر ئايالنى ئۆزىگە تېگىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەر

    ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﺪﺍ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞ ﻟﻴﺎﯕﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺰﻧﯽ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯽ ﺑﻪﻟگﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﯩﻠﭗ ﺟﺎﯞ ﻟﯩﻴﺎﯓ ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮪﻪﻗﻘﯽ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

    ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتنىڭ چىنلىقى، قا...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有