جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى

مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2016-07-13 12:41:19

(2000 – يىل 7 – ئاينىڭ 8 – كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16 – يىغىنىدا ماقۇللاندى؛

2004 – يىل 8 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 10 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلدى؛

2013 – يىل 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 – يىغىنىنىڭ ‹‹<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش قانۇنى> قاتارلىق 12 قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى؛

(2015 – يىل 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى)

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

(35– نومۇرلۇق)

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى›› 2015 – يىل 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرۇقچىلىق قانۇنى›› ئېلان قىلىندى، 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

2015 – يىل 11 – ئاينىڭ 4 – كۈنى

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب سورت بايلىقىنى قوغداش

3 – باب سورت يېتىشتۈرۈش، بېكىتىش ۋە تىزىملاش

4 – باب يېڭى سورتنى قوغداش

5 – باب ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش

6 – باب ئۇرۇق نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش

7 – باب ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكسپورتى ۋە تاشقى ھەمكارلىق

8 – باب يۆلەش تەدبىرلىرى

9 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

10 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن سورت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش، سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، ئۇرۇق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۇرۇقچىلىقنىڭ كەسىپلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش، زامانىۋى ئۇرۇقچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، دېھقانچىلىق ۋە ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان ئۇرۇق زىرائەت ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ تېرىلىدىغان – تىكىلىدىغان ماتېرىيالى ياكى كۆپەيتىلىدىغان ماتېرىيالىنى، جۈملىدىن دېنى، مېۋىسى ۋە يىلتىزى، غولى، مايسىسى، بىخى، يوپۇرمىقى، چېچىكى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.

3 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى مەملىكەتنىڭ زىرائەت ئۇرۇقى ۋە دەل – دەرەخ ئۇرۇقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ زىرائەت ئۇرۇقى ۋە دەل – دەرەخ ئۇرۇقى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ ئۇرۇقچىلىققا دائىر قانۇنلارنىڭ ئىجراسى ۋە نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇرۇققا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

4 – ماددا دۆلەت سورت بايلىقىنى قوغداش خىزمىتىگە ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىلاش، كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە يۆلەك بولىدۇ، سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشكە ئىلھام بېرىدۇ، سورت بايلىقىنى قوغداش خىزمىتى ۋە سۈپەتلىك ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

5 – ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى يېزا ئىگىلىكىنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش فاڭجېنىغا ۋە دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىقنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈشى ھەمدە ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تەشكىلاتچىلىق قىلىشى كېرەك.

6 – ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسلىقى ئاپەت يۈز بەرگەن چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى قامداش ۋە كېمىنى تەڭشەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. زاپاس ئۇرۇقنى قەرەللىك پىرىيوم قىلىش ۋە يېڭىلاپ تۇرۇش لازىم. ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

7 – ماددا گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۆسۈملۈك سورتىنى يېتىشتۈرۈش، تەجرىبە قىلىش، بېكىتىش ۋە كېڭەيتىشتە بىخەتەرلىكنى باھالاش ھەمدە بىخەتەرلىك بويىچە قاتتىق تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك. گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئىزلاپ نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۆسۈملۈك سورتىنى بېكىتىش ۋە كېڭەيتىش ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

2 – باب سورت بايلىقىنى قوغداش

8 – ماددا دۆلەت سورت بايلىقىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ سورت بايلىقىنى ئىگىلىۋېلىشىغا ۋە ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان تەبىئىي سورت بايلىقىنى يىغىش ياكى كېسىش مەنئى قىلىنىدۇ. پەن تەتقىقاتى قاتارلىق ئالاھىدە ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن يىغىشقا ياكى كېسىشكە توغرا كەلگەندە، گوۋۇيۈەن ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

9 – ماددا دۆلەت سورت بايلىقىنى پىلانلىق ھالدا ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ، يىغىدۇ، رەتلەيدۇ، باھالايدۇ، تىزىملايدۇ، ساقلايدۇ، ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ، پايدىلانغىلى بولىدىغان سورت بايلىقى مۇندەرىجىسىنى قەرەللىك ئېلان قىلىدۇ. كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

10 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى سورت بايلىقى ئامبىرى، سورت بايلىقى مۇھاپىزەت رايونى ياكى سورت بايلىقى مۇھاپىزەت يېرى تەسىس قىلىشى كېرەك، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېھتىياجغا قاراپ، سورت بايلىقى ئامبىرى، سورت بايلىقى مۇھاپىزەت رايونى ياكى سورت بايلىقى مۇھاپىزەت يېرى تەسىس قىلسا بولىدۇ.

سورت بايلىقى ئامبىرى، سورت بايلىقى مۇھاپىزەت رايونى، سورت بايلىقى مۇھاپىزەت يېرىدىكى سورت بايلىقى جامائەت بايلىقى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاشكارا پايدىلىنىلىدۇ.

سورت بايلىقى ئامبىرى، سورت بايلىقى مۇھاپىزەت رايونى ياكى سورت بايلىقى مۇھاپىزەت يېرىنى ئىگىلەپ ئىشلىتىدىغانلار ئەسلىي تەسىس قىلغۇچى ئورگاننىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

11 – ماددا سورت بايلىقى ئىگىلىك ھوقۇقى دۆلەتتە بولىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس چېگرا سىرتىدىكىلەرگە سورت بايلىقىنى بېرىشتە ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ سورت بايلىقىدىن تەتقىق قىلىپ پايدىلىنىشتا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس قىلىشى ھەمدە دۆلەت ئورتاق پايدىلىنىش لايىھەسىنى تاپشۇرۇشى كېرەك، ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغان دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرۈپ، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىدۇ.

چېگرا سىرتىدىن سورت بايلىقىنى كىرگۈزۈش گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

3 – باب سورت يېتىشتۈرۈش، بېكىتىش ۋە تىزىملاش

12 – ماددا دۆلەت پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشكە دائىر ئۇللۇق، ئەڭ يېڭى ۋە ئەمەلىي تېخنىكا تەتقىقاتى شۇنىڭدەك ئادەتتىكى زىرائەت، ئاساسلىق ئورمان بىنا قىلىش، دەل – دەرەخ ئۇرۇقى يېتىشتۈرۈش ۋە ئۇلاپ كۆپەيتىش ماتېرىياللىرىنى يېتىشتۈرۈشتەك پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى تەتقىقاتنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خاس بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئېسىل سورتلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ؛ ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى شۇنىڭدەك ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە تېخنىكا تەتقىقاتى تەرەققىيات سۇپىسى قۇرۇشىغا، بازار يېتەكچى قىلىنغان، كاپىتال ۋاسىتە قىلىنغان، مەنپەئەتتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، خېيىم – خەتەرنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدىغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇرۇقچىلىق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت ئۇرۇقچىلىق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، ئۇرۇقچىلىق پەن – تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇرۇقچىلىق پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

13 – ماددا مالىيە مەبلىغىنىڭ قوللىشى بىلەن شەكىللەنگەن ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش كەشپىياتى پاتېنت ھوقۇقىغا ۋە ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىغا ھوقۇق بېرىلگەن تۈرنى ئۈستىگە ئالغۇچى قانۇن بويىچە ئېرىشىدۇ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە، دۆلەت مەنپەئىتىگە ۋە زور جامائەت مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

مالىيە مەبلىغىنىڭ قوللىشى بىلەن شەكىللەنگەن ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىش قانۇن بويىچە ئاشكارا بولۇش كېرەك، يەڭ ئىچىدە سودا قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

14 – ماددا ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى سۈپەتلىك دەل–دەرەخ ئۇرۇقىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئورمىنى، تەجرىبە ئورمىنى، سورتلۇق دەل – دەرەخ توپلاش رايونى، گېن ئامبىرى قۇرغانلىقتىن، ئىقتىسادىي كىرىمى كېمىيىپ كەتكەن ئورۇن ۋە شەخسلەرگە ئۇنى قۇرۇشنى تەستىقلىغان ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىدۇ.

15 – ماددا دۆلەت ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتىنى بېكىتىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتىنى كېڭەيتىشتىن بۇرۇن، دۆلەت دەرىجىلىك ياكى ئۆلكە دەرىجىلىك بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتى ئۆلكە دەرىجىلىك بېكىتىشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

بېكىتىش ئىلتىماس قىلىنغان سورت خاس، بىردەك ۋە تۇراقلىق بولۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

ئاساسلىق زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتىنى بېكىتىش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ. بېكىتىش چارىسىدە ئادىل، ئاشكارا، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك، مەھسۇلات، سۈپەت، بەرداشلىق بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆستۈرۈش ۋە ماسلاشتۇرۇشقا، بازار ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدىغان سورتلارنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇش كېرەك. بېكىتىش چارىسىنى چىقىرىش ۋە تۈزىتىشتە ئۇرۇق يېتىشتۈرگۈچىلەر، ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەر، ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن ۋە ئالاقىدار ساھە ۋەكىللىرىدىن تولۇق پىكىر ئېلىش كېرەك.

16 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى كەسپىي خادىملاردىن تەشكىللەنگەن زىرائەت سورتى ۋە دەل – دەرەخ سورتىنى بېكىتىش كومىتېتى قۇرىدۇ، ئۇ ئاساسلىقى زىرائەت سورتى ۋە ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتىنى بېكىتىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىلتىماس ھۆججىتى، سورتنى بېكىتىش تەجرىبە سانلىق مەلۇماتى، ئۇرۇق ئەۋرىشكىسى، بېكىتىش پىكرى ۋە بېكىتىش يەكۈنى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بېكىتىش ئارخىپى تۇتۇپ، سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بېكىتىشتىن ئۆتكەن سورتلارنىڭ قانۇن بويىچە ئېلان قىلىنغان ئالاقىدار ئۇچۇرلىرى بېكىتىش پىكرى ۋە نازارەت قىلىنىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

سورت بېكىتىشتە چەتلەپ تۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ. سورت بېكىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، خادىملىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار ئۆلچىگۈچىلەر، تەجرىبە قىلغۇچىلار ۋەزىپىسىگە سادىق بولۇشى، ئادىل، پاك بولۇشى كېرەك. ئورۇن ۋە شەخسلەر پاش قىلغان ياكى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان يۇقىرىقى خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار ئورگانلار قانۇن بويىچە ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

17 – ماددا يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇرۇقچىلىق كارخانىسى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياراتقان ئاساسلىق زىرائەت سورتى، ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتىنى بېكىتىش چارىسى بويىچە تەجرىبە قىلىپ، بېكىتىش ئۆلچىمىگە يەتكۈزگەندىن كېيىن، سورت بېكىتىش كومىتېتى بېكىتكەنلىك گۇۋاھنامىسى بېرىشى كېرەك. ئۇرۇقچىلىق كارخانىسى تەجرىبە سانلىق مەلۇماتىنىڭ چىنلىقىغا جاۋابكار بولۇشى، سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

18 – ماددا بېكىتىشتىن ئۆتمىگەن زىرائەت سورتى ۋە دەل – دەرەخ سورتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ باشقىچە پىكرى بولسا، ئەسلىدىكى بېكىتىش كومىتېتىغا ياكى دۆلەت دەرىجىلىك بېكىتىش كومىتېتىغا قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

19 – ماددا دۆلەت دەرىجىلىك بېكىتىشتىن ئۆتكەن زىرائەت سورتى ۋە دەل – دەرەخلەرنىڭ سۈپەتلىك سورتى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلغانلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇۋاپىق كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك رايونلاردا كېڭەيتىشكە بولىدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك بېكىتىشتىن ئۆتكەن زىرائەت سورتى ۋە دەل – دەرەخ سۈپەتلىك سورتلىرىدىن ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئېلان قىلغانلىرىنى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى مۇۋاپىق كېلىدىغان ئېكولوگىيەلىك رايونلاردا كېڭەيتىشكە بولىدۇ؛ باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنىڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر ئېكولوگىيەلىك رايونىدىكى جايلىرىدىن زىرائەت سورتى، دەل–دەرەخ سۈپەتلىك سورتىنى كىرگۈزۈشتە، ئۇرۇق كىرگۈزگۈچى كىرگۈزگەن سورت ۋە جاينى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

ئۆز رايونىدا تەبىئىي تارقالمىغان دەل–دەرەخ سورتىنى كىرگۈزۈشتە، دۆلەتنىڭ سورت كىرگۈزۈش ئۆلچىمى بويىچە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك.

20 – ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى سورت يېتىشتۈرۈش، بېكىتىش خىزمىتىنى رايونلار ئارا ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېسىل سورت يېتىشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

21 – ماددا بېكىتىشتىن ئۆتكەن زىرائەت سورتى ۋە دەل – دەرەخ سورتىدا تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئېغىر نۇقسان قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ داۋاملىق كېڭەيتىش، سېتىشقا لايىق كەلمىسە، ئەسلىدىكى بېكىتىش كومىتېتى تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، بېكىتىش بىكار قىلىنىدۇ، ئەسلىي ئېلان قىلغان تارماق ئېلان چىقىرىپ، كېڭەيتىش، سېتىشنى توختىتىدۇ.

22 – ماددا دۆلەت بىر قىسىم ئاساسلىق بولمىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى سورتى بويىچە تىزىملاش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. ئاساسلىق بولمىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تىزىملاش مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلگەن سورتلارنى كېڭەيتىشتىن بۇرۇن تىزىملىتىش كېرەك.

سورتى تىزىملىنىدىغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك ھەمدە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، ئىستېمال بىخەتەرلىكىگە ۋە ئىشلىتىلگەن ئۇرۇقنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىش كېرەك. تىزىملاش مۇندەرىجىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى سورتنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئىلتىماس ھۆججىتى ۋە ئۇرۇق ئەۋرىشكىسىنى تاپشۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭ چىنلىقىغا مەسئۇل بولۇشى، سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ئىلتىماس ھۆججىتى سورت تۈرى، نامى، مەنبەسى، خۇسۇسىيىتى، يېتىشتۈرۈش جەريانى شۇنىڭدەك خاسلىقى، بىردەكلىكى، تۇراقلىقلىقى، تەجرىبە دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى سورتنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 20 ئىش كۈنى ئىچىدە، ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان ئىلتىماسنى يازما تەكشۈرۈپ، تەلەپكە ئۇيغۇنلىرىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا تىزىملىتىپ ئېلان قىلىدۇ.

تىزىملاتقان سورتنىڭ ئىلتىماس ھۆججىتى، ئەۋرىشكىسى راست بولمىسا، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى شۇ سورتنىڭ تىزىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ ھەمدە شۇ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئۇچۇرىنى ئىجتىمائىي سەمىمىيلىك ئارخىپىغا كىرگۈزىدۇ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ؛ ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەر ۋە باشقا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلارغا زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

تىزىملاتقان سورتتا تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئېغىر نۇقسان قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تىزىمدىن ئۆچۈرىدۇ ھەمدە ئېلان چىقىرىدۇ، كېڭەيتىشنى توختىتىدۇ.

ئاساسلىق بولمىغان زىرائەت سورتىنى تىزىملاش چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

23 – ماددا بېكىتىشكە تېگىشلىك زىرائەت سورتلىرىدىن بېكىتمىگەنلىرىنى ئېلان قىلىشقا، كېڭەيتىشكە، سېتىشقا بولمايدۇ.

بېكىتىشكە تېگىشلىك دەل – دەرەخ سورتلىرىدىن بېكىتىشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى سۈپەتلىك سورت قاتارىدا كېڭەيتىشكە، سېتىشقا بولمايدۇ، لېكىن ئىشلەپچىقىرىشتا ھەقىقەتەن لازىم بولغانلىرىنى دەل – دەرەخ سورتىنى بېكىتىش كومىتېتى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى كېرەك.

تىزىملىتىشقا تېگىشلىك زىرائەت سورتلىرىدىن تىزىملاتمىغانلىرىنى ئېلان قىلىشقا، كېڭەيتىشكە بولمايدۇ، تىزىملاتقان سورت قاتارىدا سېتىشقا بولمايدۇ.

24 – ماددا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە دائىم تۇرۇشلۇق ئورنى ياكى تىجارەت سورۇنى بولمىغان چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار ۋە شەخسلەردىن چېگرا ئىچىدە سورت بېكىتىشنى ياكى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىرى قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيىتى بار چېگرا ئىچىدىكى ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىغا ھاۋالە قىلىشى كېرەك.

4 – باب يېڭى سورتنى قوغداش

25 – ماددا دۆلەت ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. دۆلەت ئۆسۈملۈك سورتى قوغداش مۇندەرىجىسىدىكى يېتىشتۈرۈلگەن ئۆسۈملۈك سورتى ياكى بايقالغان ياۋا ئۆسۈملۈكلەردىن سورتى ياخشىلىنىپ، يېڭى، خاس، بىردەك، تۇراقلىق بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغان ۋە مۇۋاپىق نام قويۇلغانلىرىغا گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى بېرىدۇ، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقدارىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىنىڭ مەزمۇنى ۋە تەۋەلىكى، بېرىلىش شەرتى، ئىلتىماس قىلىش ۋە قوبۇل قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە تەستىقلاش شۇنىڭدەك مۆھلەت بەلگىلەش، كۈچتىن قالدۇرۇش قاتارلىقلار مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار قانۇنلار ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

دۆلەت ئۇرۇقچىلىق تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى يېتىشتۈرۈش ۋە نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىغا ئېرىشكەن سورتلار كېڭەيتىلىپ قوللىنىلسا، يېتىشتۈرگۈچى قانۇن بويىچە مۇناسىپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ.

26 – ماددا بىر ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىغا بىرلا يېڭى سورت ھوقۇقى بېرىلىدۇ. بىر تۈردىكى ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىغا ئىككىدىن ئارتۇق كىشى ئىلتىماس قىلسا، يېڭى سورت ھوقۇقى ئاۋۋال ئىلتىماس قىلغۇچىغا بېرىلىدۇ؛ بىرلا ۋاقىتتا ئىلتىماس قىلىنسا، يېڭى سورت ھوقۇقى شۇ سورتنى ئاۋۋال يېتىشتۈرگۈچىگە بېرىلىدۇ.

قانۇنغا خىلاپ كېلىدىغان، جامائەت مەنپەئىتى ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىغا يېڭى سورت ھوقۇقى بېرىلمەيدۇ.

27 – ماددا يېڭى سورت ھوقۇقى بېرىدىغان ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنىڭ نامى ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقدىشى ياكى تۈرى ئىچىدىكى مەلۇم بولغان سورتنىڭ نامى بىلەن پەرقلىق بولۇشى كېرەك. شۇ نام ھوقۇق بېرىلگەندىن كېيىن شۇ ئۆسۈملۈك يېڭى سورتنىڭ ئورتاق نامى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ناملارنى ھوقۇق بېرىدىغان سورتلارغا نام قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ:

(1) سان – سېپىر ئارقىلىقلا ئىپادىلىنىدىغانلىرى؛

(2) ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ كېلىدىغانلىرى؛

(3) ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، خۇسۇسىيىتى ياكى سورت يېتىشتۈرگۈچىنىڭ سالاھىيىتى قاتارلىقلاردا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويىدىغانلىرى.

بىر ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداش، سورت بېكىتىش، تىزىملىتىش، كېڭەيتىش، سېتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا بىرلا نامنى قوللىنىشقا بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان، سېتىلىدىغان ئۇرۇق بىلەن ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى قوغداش، بېكىتىش، تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا بەرگەن ئەۋرىشكە ئوخشاش بولۇشى كېرەك.

28 – ماددا ئۇرۇق يېتىشتۈرگەن ئورۇن ياكى شەخس ھوقۇق بېرىلگەن سورتتا يەكلىمە مۇستەقىل ئىگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە. ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقدارىنىڭ ئىجازىتىسىز ھوقۇق بېرىلگەن شۇ سورتنىڭ كۆپەيتىش ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقىرىشىغا، كۆپەيتىشىگە ياكى سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، سودا قىلىش مەقسىتىدە، ھوقۇق بېرىلگەن شۇ سورتنىڭ كۆپەيتىش ماتېرىيالىنى يەنە بىر خىل سورتنىڭ كۆپىيىش ماتېرىيالىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تەكرار ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ لېكىن مۇشۇ قانۇن، ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

29 – ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا ھوقۇق بېرىلگەن سورتنى ئىشلىتىدىغانلار ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقدارىنىڭ ئىجازىتىنى ئالمىسىمۇ، ئىشلىتىش ھەققى بەرمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقدارىنىڭ مۇشۇ قانۇن، ئالاقىدار قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملار بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان باشقا ھوقۇقىغا چېقىلسا بولمايدۇ:

(1) ھوقۇق بېرىلگەن سورت ئارقىلىق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە باشقا پەن تەتقىقاتى قىلىش؛

(2) دېھقانلار ھوقۇق بېرىلگەن سورتنىڭ كۆپىيىش ماتېرىيالىنى ئۆزى كۆپەيتىپ ئۆزى ئىشلىتىش.

30 – ماددا دۆلەت مەنپەئىتى ياكى جامائەت مەنپەئىتى ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىدا مەجبۇرىي ئىجازەت بېرىشنى يولغا قويۇش قارارى چىقارسا بولىدۇ ھەمدە تىزىملايدۇ ۋە ئېلان قىلىدۇ.

مەجبۇرىي ئىجازەت ئالغان ئورۇن ياكى شەخس مۇستەقىل ئىگىلەش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ باشقىلارغا ئىجازەت بېرىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

5 – باب ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش

31 – ماددا ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكسپورتى كەسپىنى قىلىدىغانلارغا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ.

ئاساسلىق زىرائەت شالغۇت ئۇرۇقى ۋە ئۇنىڭ ئاتىلىق، ئانىلىق ئۇرۇقى، دەل – دەرەخ سورتلۇق ئۇرۇقىنى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش شۇنىڭدەك تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن شەرتلەرگە توشىدىغان ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىغا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تەكشۈرىدۇ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ.

ئالدىنقى ئىككى تارماقتا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بېرىدۇ.

ئاساسلىق بولمىغان زىرائەت ئۇرۇقى ۋە دەل–دەرەخ ئۇرۇقىنىلا ئىشلەپچىقىرىدىغانلار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

32 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالغانلارنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئەسلىھە، ئۈسكۈنىسى ۋە كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى بولۇشى شۇنىڭدەك نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك.

ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىدىغانلار ئۇرۇق كۆپەيتىشتە ئايرىۋېتىش ۋە يېتىشتۈرۈش شارائىتى بولۇشى، كارانتىن قىلىنىدىغان كېسەل، ھاشارات زىيىنىدىن خالىي ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ياكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئۇرۇق ئورمىنى بولۇش كېرەك.

ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى بار ئۇرۇققا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سورت ھوقۇقدارىنىڭ يازما ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.

33 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۇرۇق سورتى، جاي ۋە ئۇرۇق تىجارىتىنىڭ دائىرىسى، كۈچكە ئىگە مۇددىتى، كۈچكە ئىگە رايون قاتارلىقلارنى ئېنىق يېزىش كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ئىشلاردا ئۆزگىرىش بولسا، ئۆزگىرىش بولغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگانغا تىزىم ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

مۇشۇ قانۇندا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىدىن سىرت، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ياكى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئۇرۇق تىجارىتى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ. ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋېلىش، ئۆزگەرتىۋېلىش، ئېلىپ سېتىش، ئىجارە، ئارىيەت بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ.

34 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى ۋە پىرىيوم، كارانتىن قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

35 – ماددا دەل – دەرەخ ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا ئۇرۇق ئېلىشنى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنى باشقۇرغۇچىلار ئۇيۇشتۇرىدۇ، ئۇرۇق دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئۆلچىمى بويىچە ئېلىنىدۇ.

خام ئۇرۇقنى ئېلىش، ئانا دەرەخنى نابۇت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ، سۈپەتسىز ئورمانلىقتىن، سۈپەتسىز ئانا دەرەختىن ئۇرۇق ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

36 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار ئۇرۇقنىڭ مەنبەسى، ئىشلەپچىقىرىلغان جاي، مىقدارى، سۈپىتى، سېتىلغان جاي، سېتىلغان ۋاقتى ۋە ئالاقىدار مەسئۇل خادىم قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارخىپى تۇتۇپ ۋە ساقلاپ، سۈرۈشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارخىپىغا يېزىلىدىغان كونكرېت ئىشلارنى، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارخىپى ۋە ئۇرۇق ئەۋرىشكىسىنى ساقلاش مۇددىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

37 – ماددا دېھقانلار ئۆزى كۆپەيتىپ، ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى ئۇرۇقتىن ئېشىپ قالغىنىنى شۇ جايدىكى بازاردا سېتىش، ئالماشتۇرۇشتا، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالمىسىمۇ بولىدۇ.

38 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى كۈچكە ئىگە رايوننى ئىجازەتنامە بەرگەن ئورگان باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بېكىتىدۇ. ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلاردىن تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىگە يېزىلغان كۈچكە ئىگە رايوندا شۆبە – تارماق ئاپپارات قۇرىدىغانلىرى، بۆلۈپ قاچىلىمايدىغان ئورۇلۇق ئۇرۇق مەخسۇس تىجارىتى قىلىدىغانلىرى ياكى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى بار ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ يازما ھاۋالە بىلەن ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغانلار ئىجازەتنامە ئالمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن شۇ جايدىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن، گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى مەملىكەت بويىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

39 – ماددا ئەتىۋارلىق دەرەخ ئۇرۇقىنى ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى سېتىۋېلىشقا چەك قويغان دەرەخ ئۇرۇقىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىسىز سېتىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

40 – ماددا سېتىلىدىغان ئۇرۇقنى پىششىقلاش، دەرىجىگە ئايرىش، ئوراپ قاچىلاش كېرەك. لېكىن، پىششىقلاشقا، ئوراپ قاچىلاشقا بولمايدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

چوڭ ئورولۇق ئۇرۇق ياكى ئىمپورت قىلىنغان ئۇرۇقنى بۆلۈپ قاچىلاشقا بولىدۇ؛ بۆلۈپ قاچىلىغاندا بۆلۈپ قاچىلىغۇچى ئورۇننى ئەسكەرتىپ قويۇش ھەمدە ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇش كېرەك.

41 – ماددا سېتىلىدىغان ئۇرۇق دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى، يارلىقى ۋە چۈشەندۈرمىسى قوشۇپ قويۇلۇشى كېرەك. يارلىق ۋە چۈشەندۈرمىدە ئەسكەرتىلگەن مەزمۇن سېتىلىدىغان ئۇرۇققا ماس كېلىشى كېرەك. ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلار ئەسكەرتىلگەن مەزمۇننىڭ چىنلىقى ۋە ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

يارلىقتا ئۇرۇقنىڭ تۈرى، سورت نامى، سورت بېكىتىش ياكى سورتنىڭ نومۇرى، سورت ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان رايون ۋە پەسىل، ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى ۋە تىزىملاتقان جاي، سۈپەت كۆرسەتكۈچى، كارانتىن ئىسپاتنامىسىنىڭ نومۇرى، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنىڭ نومۇرى ۋە ئۇچۇر كودى شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن باشقا تۈرلەر ئەسكەرتىلىشى كېرەك.

ھوقۇق بېرىلگەن سورتلۇق ئۇرۇقنى ساتقاندا، سورت ھوقۇق نومۇرىنى ئەسكەرتىش كېرەك.

ئىمپورت ئۇرۇقنى ساتقۇچىلار ئىمپورت تەستىق ھۆججىتى نومۇرى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى يارلىقنى قوشۇپ قويۇشى كېرەك.

گېنى ئۆزگەرگەن ئۆسۈملۈك سورتلۇق ئۇرۇقىنى ساتقۇچىلار يازما ئەسكەرتىشى ھەمدە ئىشلىتىشتە قوللىنىدىغان بىخەتەرلىك، تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئىزاھلاپ قويۇشى كېرەك.

ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى، سەمىمىي بولۇشى، لەۋزىدە تۇرۇشى، ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىنىڭ ئۇچۇرى، ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى، ئاساسلىق ئۆستۈرۈش تەدبىرى، ماسلىشىشچانلىقى قاتارلىق ئىشلىتىش شەرتلىرىنىڭ چۈشەندۈرمىسى، خەۋپ–خەتەر ئەسكەرتمىسى بېرىشى ۋە ئالاقىدار مەسلىھەت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك، ساختا ياكى خاتا چۈشەنچە بېرىدىغان تەشۋىقاتنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا قانۇنسىز ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

42 – ماددا ئۇرۇق ئېلانىنىڭ مەزمۇنى مۇشۇ قانۇن ۋە ئېلانغا دائىر ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئاساسلىق خۇسۇسىيەت بايانى قاتارلىقلار بېكىتىلگىنى، تىزىملاپ ئېلان قىلىنغىنى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك.

43 – ماددا ئۇرۇقنى توشۇش ياكى پوچتىدىن ئەۋەتىشتە ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە كارانتىن قىلدۇرۇش كېرەك.

44 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرۇقنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە سېتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنسىز ئارىلىشىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

45 – ماددا دۆلەت دەل – دەرەخ سورتىنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىپ ئورمان بىنا قىلىشقا يار–يۆلەك بولىدۇ. دۆلەت مەبلەغ سالغان ياكى دۆلەت مەبلىغى ئاساس قىلىنغان ئورمان بىنا قىلىش تۈرىدە ۋە دۆلەت ئورمانچىلىق ئورۇنلىرى ئورمان بىنا قىلىشتا، دەل–دەرەخ سورتىنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن پىلان بويىچە ئىشلىتىش كېرەك.

46 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەردىن ئۇرۇقتىكى سۈپەت مەسىلىسى ياكى يارلىقى ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسىنىڭ مەزمۇنى چىن بولمىغانلىقتىن زىيانغا ئۇچرىغانلىرى ئۇرۇق ساتقان تىجارەتچىدىن تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى باشقا تىجارەتچىلەردىن تۆلەم تەلەپ قىلسىمۇ بولىدۇ. تۆلەم سوممىسى ئۇرۇق سېتىۋېلىش پۇلى، ئېرىشىدىغان مەنپەئەت زىيىنى ۋە باشقا زىيانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جاۋابكارلىق ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى باشقا تىجارەتچىدە بولسا، ئۇرۇق ساتقان تىجارەتچى تۆلەپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى باشقا تىجارەتچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق؛ جاۋابكارلىق ئۇرۇق ساتقان تىجارەتچىدە بولسا، ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى باشقا تىجارەتچى تۆلەپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇرۇق ساتقان تىجارەتچىدىن تۆلىتىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق.

6 – باب ئۇرۇق نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش

47 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرى ئۇرۇق سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۇرۇق سۈپىتىنى باشقۇرۇش چارىسى، ساھە ئۆلچىمى ۋە پىرىيوم ئۇسۇلىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى چىقىرىدۇ.

دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى دۆلەت بەلگىلىگەن تېز تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىلغان، تىجارەت قىلىنغان ئۇرۇقنى تەكشۈرسە، تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى مەمۇرىي جازا ئاساسى قىلسا بولىدۇ. تەكشۈرۈلگۈچىلەردىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بارلىرى قايتا تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، قايتا تەكشۈرۈشتە ئوخشاش ئۇسۇل قوللىنىشقا بولمايدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى خاتالىق تۈپەيلىدىن ئالاقىدارلارنى زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

48 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق سۈپىتى پىرىيوم قىلىشنى پىرىيوم ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.

ئۇرۇق سۈپىتىنى پىرىيوم قىلغۇچى ئاپپارات مۇناسىپ تەكشۈرۈش شارائىتى ۋە ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى ھەمدە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك.

ئۇرۇق سۈپىتىنى پىرىيوم قىلغۇچى ئاپپارات ئۇرۇق پىرىيومچىلىرىنى قويۇشى كېرەك، ئۇرۇق پىرىيومچىلىرى تېخنىكومدىن يۇقىرى كەسپىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى، مۇناسىپ ھالدا پىرىيوم تېخنىكا ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ھازىرلىشى كېرەك.

49 – ماددا ساختا، سۈپەتسىز ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ساختا، ناچار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، دېھقانلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار تەرتىپىنى ساقلايدۇ.

تۆۋەندە كۆرسىتىلگەنلەر ساختا ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ:

(1) ئۇرۇق ئەمەسلىرى ئۇرۇق قىلىپ كۆرسىتىلگىنى ياكى بۇ سورتتىكى ئۇرۇق ئۇ سورتتىكى ئۇرۇق قىلىپ كۆرسىتىلگىنى؛

(2) ئۇرۇق تۈرى، سورتى ماركىدا ئىزاھلانغان مەزمۇنغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىرى ياكى يارلىقى يوقلىرى.

تۆۋەندە كۆرسىتىلگەنلەر سۈپەتسىز ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ:

(1) سۈپىتى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىرى؛

(2) سۈپىتى يارلىقتىكى كۆرسەتكۈچتىن تۆۋەن بولغىنى؛

(3) تەركىبىدە دۆلەت بەلگىلىگەن كارانتىن قىلىنىدىغان زىيانداش جانلىق بارلىرى.

50 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇقچىلىققا دائىر مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگاندۇر. ئۇرۇقچىلىققا دائىر قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇقنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشتا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش سورۇنىنىڭ ئۆزىدە تەكشۈرۈش؛

(2) ئۇرۇقتىن ئەۋرىشكە ئېلىپ ئۆلچەش، سىناش ياكى پىرىيوم قىلىش؛

(3) ئالاقىدار توختام، ۋېكسېل، ھېسابات دەپتىرى، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارخىپى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈش ۋە كۆپەيتىۋېلىش؛

(4) قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان، تىجارەت قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل – ئىسپات تېپىلغان ئۇرۇقنى، شۇنىڭدەك قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەت قىلىشقا ئىشلىتىلگەن سايمان، ئۈسكۈنە ۋە تىرانسپورت قوراللىرىنى پېچەتلەش، تۇتۇپ قېلىش؛

(5) قانۇنغا خىلاپ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش سورۇنىنى پېچەتلەش.

دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى خىزمەت ھوقۇقىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزگەندە، ئالاقىدارلار ياردەملىشىشى، ماسلىشىشى، رەت قىلماسلىقى، توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.

دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قارىمىقىدىكى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئاپپارات ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئۇرۇق باشقۇرغۇچى ئاپپارات ئۇرۇققا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىسە بولىدۇ.

51 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە ئىختىيارىي ھالدا ئۇرۇقچىلىق ساھە جەمئىيىتى قۇرۇپ، ساھە بويىچە ئۆز–ئۆزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، ئەزالىرى ۋە ساھە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇچۇر ئالاقىسى، تېخنىكا تەربىيەسى، ئىناۋەت قۇرۇلۇشى، بازار ماركىتېڭى، مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتى قىلىدۇ.

52 – ماددا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلار ساپاسى بار ئىسپات بەرگۈچى ئاپپاراتقا ئۇرۇق سۈپىتىگە ئىسپات بېرىشنى ئىختىيارىي ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. لاياقەتلىكلىكىگە ئىسپات بېرىلگەنلىرى ئورۇسىغا ئىسپات بەلگىسى قويسا بولىدۇ.

53 – ماددا تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى بىلەن دۆلەت ياكى جايلار بەلگىلىگەن ئۇرۇقلۇق ئۆلچىمىدىن تۆۋەن زىرائەت ئۇرۇقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇرۇق ئىشلىتىدىغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك؛ دەل – دەرەخ ئۇرۇقىنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، ئۇرۇق ئىشلىتىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش كېرەك.

54 – ماددا سورت يېتىشتۈرگۈچى ۋە ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچى ھەمدە باشقۇرغۇچى ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۆسۈملۈك كارانتىنىغا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىشى، ئۆسۈملۈكلەردىكى خەتەرلىك كېسەل، ھاشارات، ياۋا ئوت – چۆپ ۋە باشقا زىيانداش جانلىقلارنىڭ تارقىلىشى ۋە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا كارانتىن قىلىنىدىغان زىيانداش جانلىق ئەملەش سىنىقى قىلىشى مەنئى قىلىنىدۇ.

55 – ماددا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى سورت بېكىتىش، سورت تىزىملاش، يېڭى سورتنى قوغداش، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازىتى بېرىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ھۆكۈمەت ئۇچۇرىنى بىر تۇتاش تارقىتىدىغان ئۇچۇر سۇپىسىدا تارقىتىشى كېرەك.

گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئۆسۈملۈك سورتى ئۆلچەملىك ئەۋرىشكە ئامبىرى قۇرۇپ، ئۇرۇقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.

56 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەت قىلىشقا قاتنىشىشىغا ۋە ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

7 – باب ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكسپورتى ۋە تاشقى ھەمكارلىق

57 – ماددا ئۇرۇق ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلىشتا كارانتىن قىلىپ، ئۆسۈملۈكلەردىكى خەتەرلىك كېسەل، ھاشارات، ياۋا ئوت – چۆپ ۋە باشقا زىيانداش جانلىقنىڭ چېگرادىن كىرىشى ۋە چېگرادىن چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش شەرت، كونكرېت كارانتىن خىزمىتى ئۆسۈملۈكنى چېگرادىن كىرگۈزۈش، چىقىرىشتا كارانتىن قىلىشقا ئائىت قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

58 – ماددا ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالغاندىن سىرت، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكسپورت ئىجازىتىمۇ ئېلىشى كېرەك.

چېگرادىن زىرائەت، دەل – دەرەخ ئۇرۇقى كىرگۈزۈشنى بېكىتىش ھوقۇق دائىرىسى، زىرائەت، دەل – دەرەخ ئۇرۇقىنى ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلاش چارىسى ۋە گېنى ئۆزگەرتىلگەن ئۆسۈملۈك سورتىنى كىرگۈزۈشنى باشقۇرۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

59 – ماددا ئىمپورت قىلىنىدىغان ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە يەتكەن بولۇشى كېرەك. دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بولمىسا، توختامدا پۈتۈشكەن ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ.

60 – ماددا چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئۇرۇق ئىشلەپ بېرىش مەقسىتىدە ئۇرۇق ئىمپورت قىلغۇچىلار مۇشۇ قانۇننىڭ 58–ماددىسىنىڭ 1 – تارمىقىدىكى چەكلىمىگە ئۇچرىمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ئۇرۇق ئىشلەپ بېرىش توختامى بولۇشى، ئىمپورت قىلغان ئۇرۇقنى ئۇرۇق ئىشلەشكىلا ئىشلىتىشى كېرەك، ئۇنىڭ مەھسۇلاتىنى چېگرا ئىچىدە سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

چېگرا سىرتىدىن تەجرىبە ئىشلەشكە كىرگۈزۈلگەن زىرائەت ئۇرۇقى ياكى دەل – دەرەخ سىناق ئۇرۇقىنى ئايرىم تېرىپ ئۆستۈرۈش كېرەك، ھوسۇلىنىمۇ ئۇرۇق قاتارىدا سېتىشقا يول قويۇلمايدۇ.

61 – ماددا ساختا، ناچار ئۇرۇقنى ۋە دۆلەت ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشقا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئۇرۇقنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىش مەنئى قىلىنىدۇ.

62 – ماددا دۆلەت ئۇرۇقچىلىقتا دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە تەكشۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، شەخسلەر مەبلەغ سېلىپ، چېگرا ئىچىدىكى ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى سېتىۋېلىش يولى بىلەن قوشۇۋېلىپ ياكى چېگرا ئىچىدىكى پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى بىلەن تېخنىكا جەھەتتە ھەمكارلىشىپ، سورت يارىتىش، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىشىنى تەستىقلاش، باشقۇرۇش ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بولىدۇ.

8 – باب يۆلەش تەدبىرلىرى

63 – ماددا دۆلەت ئۇرۇقچىلىق تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىدۇ. سورت يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، كېڭەيتىش، ئۇرۇق بايلىقىنى قوغداش، ئۇرۇقنى زاپاس ساقلاش شۇنىڭدەك ئۇرۇق يېتىشتۈرىدىغان ناھىيەلەرنى يۆلەيدۇ.

دۆلەت ئۈنۈملۈك بىخەتەر ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق يىغىش تېخنىكىسى ۋە ئىلغار، ماس كېلىدىغان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق يىغىش ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىشكە، كېڭەيتىشكە ئىلھام بېرىدۇ، ئىلغار، ماس كېلىدىغان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش، ئۇرۇق يىغىش ماشىنىلىرىنى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ.

دۆلەت ئىجتىمائىي مەبلەغنى ئۇرۇقچىلىققا سېلىشقا پائال يېتەكلەيدۇ.

64 – ماددا دۆلەت ئۇرۇقچىلىق پاراۋانلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ.

ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بازىدىكى تېرىلغۇ يەر ئاساسىي ئېتىز مۇھاپىزەت رايونى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، مەڭگۈ قوغدىلىدۇ. ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە ياخشى بازىنى گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق مەسئۇل تارمىقى شۇ رايون بار جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭىشىپ بېكىتىدۇ.

65 – ماددا زىرائەت ۋە دەل – دەرەخ سورتى يېتىشتۈرىدىغان، ئىشلەپچىقىرىغان ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يۆلەش كېرەك.

66 – ماددا دۆلەت پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ۋە ساقلاشنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللاشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

67 – ماددا دۆلەت سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇشنى قوللايدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سۇغۇرتا ھەققى تولۇقلىمىسى بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇرۇقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى سۇغۇرتىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىسا بولىدۇ.

68 – ماددا دۆلەت پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى بىلەن ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى ئالماشتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىدۇ، شۇ ئورۇندىكى پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىدا ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى قوللايدۇ؛ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش پەن تەتقىقات ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

69 – ماددا گوۋۇيۈەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا جايدا ئۇرۇق يېتىشتۈرىدىغان جايدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى باشقا جايدا ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى باشقۇرۇش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، قاتناش – تىرانسپورت تارماقلىرى ئۇرۇق توشۇشقا ئاۋۋال كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

9 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

70 – ماددا دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرىدىن قانۇن بويىچە مەمۇرىي ئىجازەت بېرىش قارارى چىقىرىشتا قانۇنغا ئاساسلانمىغان، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى بايقاپ تۇرۇپ ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋېلىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلمىغان ۋە ياكى مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىرىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرىدۇ.

دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 56 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

71 – ماددا سورت بېكىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ۋە خادىملىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 16 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغان، ساختىپەزلىك، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ چارە كۆرۈش قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە ئۇلارنىڭ سورت بېكىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

72 – ماددا سورتنى سىناق قىلىش، تەجرىبە قىلىش ۋە ئۇرۇق سۈپىتىنى پىرىيوم قىلىش ئاپپاراتلىرىدىن سىناق قىلىش، تەجرىبە قىلىش، پىرىيوم قىلىش مەلۇماتىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان ياكى يالغان ئىسپات چىقىرىپ بەرگەنلىرىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئورۇنغا 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى قوشۇمچە مۇسادىرە قىلىدۇ؛ ئۇرۇق ئىشلەتكۈچى ياكى باشقا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەت قىلغۇچىلارغا زىيان سالغانلىرى ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارەتچى بىلەن چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ ئۇرۇق سۈپىتىنى پىرىيوم قىلىش سالاھىيىتىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل تارمىقى بىكار قىلىدۇ.

73 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 28 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقىغا چېقىلغانلار ئالاقىدارلار بىلەن كېڭىشىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ، كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى ھوقۇقدارى ياكى مەنپەئەتدارلار ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىدىن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاسىتە دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئالاقىدارلار ئىختىيار قىلىش پىرىنسىپى بويىچە ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقىغا چېقىلىشتىن كېلىپ چىققان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى مۇرەسسە قىلسا بولىدۇ. مۇرەسسەدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان بولسا، ئالاقىدارلار ئادا قىلىشى، ئالاقىدارلار كېلىشىمنى ئادا قىلمىسا ياكى مۇرەسسەدە كېلىشەلمىسە، ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى ھوقۇقدارى ياكى مەنپەئەتدارلار خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقىغا چېقىلىشتىن كېلىپ چىققان تۆلەم سوممىسى ھوقۇقدارنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەمەلىي زىيىنىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئەمەلىي زىياننى بېكىتكىلى بولمىسا، ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىپ تاپقان پايدىسىغا قاراپ بېكىتىلسە بولىدۇ. ھوقۇقدارنىڭ زىيىنى ياكى ھوقۇققا چېقىلغۇچىنىڭ ئېرىشكەن پايدىسىنى بېكىتكىلى بولمىسا، شۇ ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنىڭ ھەسسىسى بويىچە مۇۋاپىق بېكىتىشكە بولىدۇ. تۆلەم سوممىسى ھوقۇقدارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن قىلغان مۇۋاپىق چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىغا چېقىلغانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنىڭ تۆلەم سوممىسى يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە بېكىتىلگەن سومما سانىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن قىلىپ بېكىتىلسە بولىدۇ.

ھوقۇقدارنىڭ زىيىنىنى، ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئېرىشكەن پايدىنى ۋە ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىنى ئىجازەتلىك ئىشلىتىش ھەققىنى بېكىتكىلى بولمىسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقىنىڭ تۈرى، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە ئېغىر–يېنىكلىكى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، 3 مىليون يۈەندىن تۆۋەن تۆلەم بېرىشنى بېكىتسە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقىغا چېقىلىش دېلولىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتىنى ۋە ئۇرۇقىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ مال قىممىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قوشۇمچە مال قىممىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ھوقۇق بېرىلگەن سورتقا ساختىلىق ئىشلەتكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ساختىلىق قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى ۋە ئۇرۇقىنى مۇسادىرە قىلىدۇ. مال قىممىتى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلارغا قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 250 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتى 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مال قىممىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

74 – ماددا ئالاقىدارلاردىن ئۆسۈملۈك يېڭى سورتىنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى ۋە ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇق تەۋەلىكى ئۈستىدە تالاش – تارتىش قىلىپ قالغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

75 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 49 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ساختا ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغان، تىجارىتى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى ۋە ئۇرۇقىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلىرىغا مال قىممىتىنىڭ ئون ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 20 ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

ساختا ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى جىنايى جازا ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە ئۇرۇقچىلىق كارخانىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدۇ.

76 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 49 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ناچار ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغان، تىجارىتى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى ۋە ئۇرۇقىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا مال قىممىتىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ.

ناچار ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى جىنايى جاز ئىجرا قىلىنىپ بولغان كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە ئۇرۇقچىلىق كارخانىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدۇ.

77 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 32 –، 33 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى ۋە ئۇرۇقىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا مال قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ؛ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلسا بولىدۇ:

(1) ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغان ۋە تىجارەت قىلغانلار؛

(2) ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قاتارلىق ناتوغرا ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىۋالغانلار؛

(3) ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىدىكى بەلگىلىمىنى قايرىپ قويۇپ ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغان، تىجارىتى قىلغانلار؛

(4) ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىۋالغان، ئېلىپ ساتقان، ئىجارە بەرگەن، ئارىيەت بەرگەنلەر.

ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسى بىكار قىلىنغان ئورۇنلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى جازا قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە ئۇرۇقچىلىق كارخانىسىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، ئالىي باشقۇرغۇچىسى بولسا بولمايدۇ.

78 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 21 –، 22 –، 23 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى ۋە ئۇرۇقىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) بېكىتىلىدىغان زىرائەت ئۇرۇقىنى بېكىتىشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ كېڭەيتكەن، ساتقانلار؛

(2) بېكىتىلىدىغان دەل – دەرەخ سورتىنى بېكىتىشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ سورتلۇقلار قاتارىدا كېڭەيتكەن، ساتقانلار؛

(3) كېڭەيتىش، سېتىش توختىتىلغان زىرائەت سورتى ياكى دەل – دەرەخ سورتىنى كېڭەيتكەن، ساتقانلار؛

(4) تىزىملىتىلىدىغان زىرائەت سورتىنى تىزىملاتماي تۇرۇپ كېڭەيتكەنلەر ياكى تىزىملىتىلغان سورت نامىدا ساتقانلار؛

(5) تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن زىرائەت سورتىنى كېڭەيتكەن ياكى تىزىملىتىلغان سورت نامىدا ساتقانلار.

مۇشۇ قانۇننىڭ 23 –، 42 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، بېكىتىلىدىغان زىرائەت سورتىنى بېكىتىشتىن ئۆتكۈزمەي ياكى تىزىملىتىلىدىغان زىرائەت سورتىنى تىزىملاتماي تۇرۇپ، ئېلان بەرگەن بولسا ياكى ئېلاندىكى سورتنىڭ ئاساسلىق خۇسۇسىيىتى ھەققىدىكى مەزمۇن بېكىتىلگىنى، تىزىملانغىنى بىلەن بىردەك بولمىسا، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

79 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 58 –، 60 –، 61 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ ئېرىشكەن تاپاۋىتى ۋە ئۇرۇقىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ ئىشلەپچىقارغان، تىجارەت قىلغان مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلەرگە قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مال قىممىتى 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى بولغانلارغا قوشۇمچە مال قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارنىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئىجازەتنامىسىنى بىكار قىلىدۇ:

(1) ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئۇرۇق ئىمپورت – ئېكسپورت قىلغانلار؛

(2) چېگرا سىرتىدىكىلەرگە يېتىشتۈرۈپ بەرگەن ئۇرۇقنى چېگرا ئىچىدە ساتقانلار؛

(3) چېگرا سىرتىدىن كىرگۈزۈلگەن زىرائەت ۋە دەل – دەرەخ ئۇرۇقىنىڭ تەجرىبە ھوسۇلىنى چېگرا ئىچىدە ئۇرۇق سۈپىتىدە ساتقانلار؛

(4) ساختا، ناچار ئۇرۇقنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلغانلار ياكى دۆلەت ئىمپورت – ئېكسپورت قىلىشقا بولمايغانلىقىنى بەلگىلىگەن ئۇرۇقنى ئىمپورت – ئېكسپورت قىلغانلار.

80 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 36 –، 38 –، 40 –، 41 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:

(1) ساتقان ئۇرۇق ئورىلىدىغان بولسىمۇ ئورىمىغانلار؛

(2) ساتقان ئۇرۇقنىڭ ئىشلىتىش ئىزاھاتى بولمىغان ياكى يارلىقىنىڭ مەزمۇنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەر؛

(3) يارلىقنى ئۆزگەرتكەنلەر؛

(4) ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش ئارخىپى تۇتۇش، ساقلاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛

(5) ئۇرۇق ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلاردىن باشقا جايدا شۆبە – تارماق ئاپپاراتى قۇرۇشتا قايتا بۆلۈپ قاچىلانمايدىغان ئورۇلۇق ئۇرۇقنى مەخسۇس تىجارەت قىلىشتا ياكى ھاۋالىلىك ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتا ئەنگە ئالدۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

81 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 8 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سورت بايلىقىنى ئىگىلىۋالغان، ئۇنىڭغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان، ئۇنى ئۆز ئالدىغا يىغقان ياكى دۆلەت نۇقتىلىق قوغدايدىغان تەبىئىي سورت بايلىقىنى كەسكەنلەرنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، سورت بايلىقى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ زىيان سالغانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

82 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 11 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سورت بايلىقىنى چېگرادىن چىقارغان ياكى چېگرادىن كىرگۈزگەنلەر ۋە ياكى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپارات ۋە شەخسلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ سورت بايلىقىدىن تەتقىق قىلىپ پايدىلانغانلارنىڭ سورت بايلىقى ۋە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى گوۋۇيۈەننىڭ ياكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىق ھۆججىتىنى ئالماي تۇرۇپ سورت بايلىقىنى ئېلىپ يۈرگەن، توشۇپ چېگرادىن چىقماقچى بولغانلارنىڭ سورت بايلىقىنى تاموژنا تۇتۇپ قېلىشى ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى كېرەك.

83 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 35 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خام ئۇرۇقنى يىغقان، ئانا دەرەخنى نابۇت قىلغان ياكى سۈپەتسىز ئورمان ۋە سۈپەتسىز ئانا دەرەختىن ئۇرۇق يىغقانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئۇرۇق يىغىش قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، يىغقان ئۇرۇقنى مۇسادىرە قىلىدۇ، يىغقان دەل – دەرەخ ئۇرۇقى قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

84 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 39 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، قىممەتلىك دەل – دەرەخنىڭ ئۇرۇقىنى ياكى سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغان دەل – دەرەخ ئۇرۇقىنى سېتىۋالغانلارنىڭ سېتىۋالغان ئۇرۇقىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى مۇسادىرە قىلىدۇ، سېتىۋالغان ئۇرۇق قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن قوشۇمچە جەرىمانە قويىدۇ.

85 – ماددا ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىدىن مۇشۇ قانۇننىڭ 17 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ساختىلىق قىلغانلىرىغا ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى 1 مىليوندىن يۇقىرى، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ مۇشۇ قانۇننىڭ 17 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە سورت بېكىتىشنى ئىلتىماس قىلىشىغا يول قويمايدۇ؛ ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىگە ۋە باشقا ئۇرۇق تىجارىتى قىلغۇچىلارغا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

86 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 45 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دەل – دەرەخ سورتىنى ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تۈزگەن پىلان بويىچە ئىشلەتمىگەنلەرنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرگە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

87 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 54 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا كارانتىن قىلىنىدىغان زىيانداش جانلىق ئەملەش تەجرىبىسى قىلغانلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى تەجرىبە قىلىشنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

88 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 50 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغانلارغا 2000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇسا بولىدۇ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خىلاپلىق قىلغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئامانلىق باشقۇرۇش جازاسى بېرىدۇ.

89 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 13 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، سورت يېتىشتۈرۈش نەتىجىسىنى ئۆز ئالدىغا سېتىپ، ئۆز ئورنىنى ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچراتقانلار قانۇن بويىچە تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

90 – ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 44 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئۇرۇق ئىشلەتكۈچىلەرنى ئۆز ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا ئۇرۇق سېتىۋېلىش، ئىشلىتىشكە زورلاپ زىيانغا ئۇچراتقانلار تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

91 – ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

10 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

92 – ماددا بۇ قانۇندىكى تۆۋەندىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

(1) سورت بايلىقى دېگىنىمىز، يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈشتىكى ئۇل ماتېرىياللارنى، جۈملىدىن زىرائەتنىڭ ئۆزلەشمە ئۇرۇقى، ياۋا ئۇرۇقىنىڭ كۆپەيتىش ماتېرىياللىرىنى، شۇنىڭدەك يۇقىرىدا ئېيتىلغان كۆپەيتىش ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ يارىتىلغان ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىرسىيەت ماتېرىياللىرىنى كۆرسىتىدۇ.

(2) سورت دېگىنىمىز، يېتىشتۈرۈلگەن ياكى بايقالغان ھەمدە ياخشىلاش ئارقىلىق فورماتسىيەلىك خۇسۇسىيىتى بىلەن بىيولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن، ئىرسىي خۇسۇسىيىتى نىسپىي مۇقىم بولغان ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ.

(3) ئاساسلىق زىرائەت دېگىنىمىز، شال، بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز، سويانى كۆرسىتىدۇ.

(4) ئاساسلىق دەل – دەرەخنى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ؛ ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئاساسلىق دەل – دەرەختىن باشقا سەككىز خىلدىن ئاز بولغان ئاساسلىق دەل – دەرەخنى بېكىتسە بولىدۇ.

(5) دەل – دەرەخ سورتى دېگىنىمىز، بېكىتىشتىن ئۆتكەن ئاساسلىق دەل – دەرەخ سورتلىرىدىن مۇئەييەن رايوندا مەھسۇلاتى، ماسلىشىشچانلىقى، تاقابىلچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ھازىر ئاساسلىق ئۆستۈرۈلۈۋاتقان ماتېرىياللاردىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان كۆپەيتىش ماتېرىيالى ۋە تېرىش – تىكىش ماتېرىيالىنى كۆرسىتىدۇ.

(6) يېڭى دېگىنىمىز، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىنىدىغان سورتقا، ئىلتىماس قىلىنغان كۈندىن بۇرۇن، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى ساتقان، كېڭەيتكەن ياكى ئۇنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن سېتىلغان، كېڭەيتىلگەن ئۇرۇقلاردىن ياكى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە سېتىلغىنى، كېڭەيتكىنىگە بىر يىلدىن ئاشمىغانلىرى؛ ياغاچ غوللۇق ياكى يىلتىز غوللۇق ئۆسۈملۈكنىڭ چېگرا سىرتىدا سېتىلغىنى، كېڭەيتكىنىگە ئالتە يىلدىن ئاشمىغانلىرى، باشقا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۆت يىلدىن ئاشمىغانلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ ئۆسۈملۈك سورتىنى قوغداش تىزىملىكىگە يېڭى كىرگۈزۈلگەن ئۆسۈملۈك ئۇرۇقدىشى ياكى تۈرىگە تىزىملىك ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئۆسۈملۈك يېڭى سورت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىنغان بولسا، شۇ سورتنىڭ ئۇرۇقىنى چېگرا ئىچىدە ساتقان، كېڭەيتكىنىگە تۆت يىلدىن ئاشمىغانلىرى يېڭى ھېسابلىنىدۇ.

سېتىش، كېڭەيتىش ھەرىكىتى سەۋەبىدىن يېڭىلىقىنى يوقاتقانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۆۋەندىكى ئەھۋال بولغانلىرى يېڭىلىقىنى يوقاتقان دەپ قارىلىدۇ:

① ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەسئۇل تارمىقى ئەمەلىيەتتە تارقىلىپ كەتكەنلىكىنى تېرىلغۇ كۆلىمىگە ئاساسەن مۇئەييەنلەشتۈرگەن سورت.

② زىرائەت سورتىنىڭ بېكىتىلگىنىگە ياكى تىزىملانغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىنمىغانلىرى.

(7) خاسلىقى دېگىنىمىز، بىر ئۆسۈملۈك سورتىنىڭ مەلۇم بولغان سورتىنىڭ بىردىن ئارتۇق كۆرۈنەرلىك خۇسۇسىيەت پەرقى بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

(8) بىردەكلىكى دېگىنىمىز، بىر ئۆسۈملۈك سورتى ئالاھىدىلىكىنىڭ مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تەبىئىي ئۆزگىرىشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، توپ ئىچىدىكى يەككىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى ياكى خۇسۇسىيىتى بىلەن بىردەك بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

(9) مۇقىملىقى دېگىنىمىز، بىر ئۆسۈملۈك سورتى قايتا–قايتا كۆپەيتىلگەندىن كېيىن ياكى مۇئەييەن كۆپىيىش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندا، ئۇنىڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

(10) مەلۇم بولغان سورت دېگىنىمىز، ئىلتىماس قوبۇل قىلىنغان ياكى سورت بېكىتىشتىن ئۆتكەن، سورتى تىزىملانغان، يېڭى سورتى قوغدالغان ياكى سېتىلغان، كېڭەيتىلگەن ئۆسۈملۈك سورتىنى كۆرسىتىدۇ.

(11) يارلىق دېگىنىمىز، ئۇرۇققا، ئۇرۇقنىڭ ئورۇسىغا بېسىلغان، چاپلانغان، ئورنىتىلغان ياكى قوشۇپ قويۇلغان مۇئەييەن رەسىم ۋە يازما چۈشەندۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.

93 – ماددا ئوت – چۆپ ئۇرۇقى، تاماكا ئۇرۇقى جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈكى ئۇرۇقى، يېمەكلىك زەمبۇرۇغ ئۇرۇقىنىڭ سورت بايلىقىنى باشقۇرۇش ۋە يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، باشقۇرۇش پائالىيەتلىرىدە مۇشۇ قانۇندىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.

94 – ماددا بۇ قانۇن 2016 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى

    1999 - يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قامال قانۇنى

    (1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى 1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 61 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  • مەمۇر ئايالنى ئۆزىگە تېگىش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئەر

    ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﺪﺍ ﻻﻳﯩﻖ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﯞ ﻟﻴﺎﯕﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯜﭺ ﻗﯩﺰﻧﯽ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯽ ﺑﻪﻟگﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﯩﻠﭗ ﺟﺎﯞ ﻟﯩﻴﺎﯓ ﻣﯩﯔ ﻳﯜﻩﻥ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮪﻪﻗﻘﯽ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

    ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتنىڭ چىنلىقى، قا...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有