جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2015-05-29 21:32:27

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى

(74 – نومۇرلۇق)

‹‹مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى›› 2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

مۇندەرىجە

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

2 – باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تۈزۈلمىسى

3 – باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى

4 – باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوبوروت قىلىش ۋە پىششىقلاش

5 – باب ئاشلىق بىخەتەرلىكى

6 – باب يېزا ئىگىلىكىگە سېلىنما سېلىش ۋە ئۇنى قوللاش، قوغداش

7 – باب يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك مائارىپى

8 – باب يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك مۇھىتىنى ئاسراش

9 – باب دېھقانلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش

10 – باب يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش

11 – باب قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش

12 – باب قانۇن جاۋابكارلىقى

13 – باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1 – ماددا بۇ قانۇن يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلق ئىگىلىكىدىكى ئۇللۇق ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ پەن – مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا يېتىش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.

2 – ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىكى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرنى، جۈملىدىن ئۇنىڭغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئالدىدىكى، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، يېزا ئىگىلىك كارخانىسى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باشقا تەشكىلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

3 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىدا 1 – ئورۇنغا قويىدۇ.

يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى: سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش، يېزا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئومۇمىي ساپاسى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ تەمىناتىغا ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئاھالىنىڭ كۆپىيىش، تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا كەسىپلەرگە ۋە شەھەر، بازارلارغا يۆتكىلىشىگە تۈرتكە بولۇش، شەھەرلەر بىلەن يېزىلارنىڭ پەرقىنى ۋە رايونلار پەرقىنى كىچىكلىتىش، باي، دېموكراتىك، مەدەنىي سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش.

4 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېمەكلىك، سانائەت خام ئەشيالىرى ۋە باشقا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ياخشىلاش، يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتلەردىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

5 – ماددا دۆلەت ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان تۈپ ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرىدۇ.

دۆلەت يېزىلاردا ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساس قىلىنغان بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئۇزاققىچە مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، كوللېكتىپنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى زورايتىپ، دېھقانلارنى ئورتاق بېيىش يولىغا يېتەكلەيدۇ.

دۆلەت يېزىلاردا ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش ئاساس قىلىنغان، كۆپ خىل تەقسىمات شەكلى تەڭ مەۋجۇت بولىدىغان تەقسىمات تۈزۈمىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

6 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى پەن – مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرىدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەيدۇ ۋە سەرخىللاشتۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسرايدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىشى ۋە ئۇچۇرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

7 – ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ مال – مۈلكىنى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى دەخلى – تەرۇزدىن ساقلايدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى، سېلىقىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىشى كېرەك.

8 – ماددا پۈتۈن جەمئىيەت يېزا ئىگىلىكىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى كېرەك.

دۆلەت يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

9 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە بىرتۇتاش مەسئۇل بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلار ۋە پۈتۈن جەمئىيەتنى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللەيدۇ.

گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئورمانچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ ئورمانچىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

2 – باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تۈزۈلمىسى

10 – ماددا دۆلەت يېزىلاردا يەر ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەر ھۆددىگەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرىدۇ، دېھقانلارنىڭ ھۆددە ئالغان يەردىن پايدىلىنىش ھوقۇقىنى قوغدايدۇ.

يېزىلاردىكى يەر ھۆددىگەرلىك ئۇسۇلى، مۇددىتى، ھۆددە بەرگۈچى بىلەن ھۆددە ئالغۇچىنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى، يەر ھۆددىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە يۆتكەش قاتارلىقلاردا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇنى›› ۋە ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا يەر ھۆددىگەرلىكى قانۇنى›› تەتبىقلىنىدۇ.

يېزىلاردىكى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا، كوللېكتىپ مۈلكىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، ئەزالىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، ئۇچۇر مۇلازىمىتى قىلىپ، كوللېكتىپ بايلىقىنى مۇۋاپىق ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا تەشكىللەپ، ئىقتىسادىي كۈچىنى زورايتىشى كېرەك.

11 – ماددا دۆلەت دېھقانلارنى ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا، كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۇيۇشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ئۆز ئەزالىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇشى، ئىختىيارىي قاتنىشىش، خالىمىسا چىقىپ كېتىش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، پايدا ئېشىنچىسىنى قايتۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن دائىرىدە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ۋە مۇلازىمەت پائالىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى كۆپ خىل شەكىلدە بولسا، قانۇن بويىچە قۇرۇلسا ۋە ئۆزىنى قانۇن بويىچە تىزىملاتسا بولىدۇ. ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ مال – مۈلۈك ۋە ئىگىلىك باشقۇرۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا چېقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

12 – ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى دېموكراتىك باشقۇرۇش، ئەمگەككە قاراپ تەقسىم قىلىش بىلەن پايغا قاراپ پايدا تەقسىملەشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مەبلەغ، تېخنىكا، ماددىي بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن پاي قىلىپ قوشۇپ، قانۇن بويىچە كارخانا قۇرسا بولىدۇ.

13 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۆپ خىل شەكىلدىكى كەسىپلەشكەن ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرىدۇ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئوبوروت مۇلازىمىتى كارخانىسى، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ دېھقانلار ياكى دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى بىلەن توختام تۈزۈش ياكى كارخانا قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق پايدىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان، خەۋپ – خەتەرنى تەڭ ئۈستىگە ئالىدىغان ئورتاق مەنپەئەت گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى كەسىپلەشكەن ئىگىلىككە تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى يېتەكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

14 – ماددا دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملار بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ساھە جەمئىيەتلىرىنى قۇرۇپ، ئەزالىرىغا ئىشلەپچىقىرىش، ماركېتىڭ، ئۇچۇر، تېخنىكا، تەربىيەلەش جەھەتلەردە مۇلازىمەت قىلىپ، ماسلاشتۇرۇش رولى ۋە تەلەپچانلىق رولىنى ئوينىسا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئەزالىرىنىڭ ۋە ساھەسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىسا بولىدۇ.

3 – باب يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى

15 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلانى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋە يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ رايون ئايرىمىسىغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ.

ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ئاساسەن، تەدبىر قوللىنىپ رايون ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ رايونلار بويىچە مۇۋاپىق جايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.

16 – ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە دېھقانلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى بازار ئېھتىياجى بويىچە تەڭشەپ ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنى ماس راۋاجلاندۇرۇپ، سۈپەتلىك، ھوسۇللۇق، ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەيدۇ ۋە مەدەت بېرىدۇ.

11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى››غا تۆۋەندىكىچە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1. 51 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹دۆلەت قۇرغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكا كېڭەيتىش ئاپپاراتلىرى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا سىناق – ئۈلگە بازىسىنى تايانچ قىلىپ، جامائەتكە ئېھتىياجلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى كېڭەيتىش ۋە ئۇنىڭدا ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق جامائەت پاراۋانلىقى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتىنى ھەقسىز قىلىشى كېرەك››.

2. 52 – ماددىنىڭ 1 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئاممىۋى پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار پەن – تېخنىكا خادىملىرى دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ، تېخنىكا ئۆتۈنۈش، تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش، تېخنىكا ھۆددە ئېلىش، تېخنىكا مەسلىھەتى بېرىش ۋە تېخنىكىنى پاي قىلىپ قوشۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇنلۇق مەنپەئەتكە ئېرىشسىمۇ بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالاقىدار مەكتەپلەر، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپلىرى، يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلار، ئاممىۋى پەن – تېخنىكا تەشكىلاتلىرى شۇنىڭدەك ئالاقىدار پەن – تېخنىكا خادىملىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك››.

3 – تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: ‹‹دۆلەت دېھقانلار، تەمىنات – سودا كوپىراتىپى ۋە باشقا كارخانا، كەسپىي ئورۇن قاتارلىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغانلارغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ››.

بۇ قارار 2013 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.

(1993 – يىل 7 – ئاينىڭ 2 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 2 – يىغىنىدا ماقۇللاندى

2002 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 –كۈنى 9 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31 – يىغىنىدا ئۆزگەرتىلدى

2009 – يىل 8 – ئاينىڭ 27 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – يىغىنىنىڭ ‹‹بىر قىسىم قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار››ىغا ئاساسەن 1 – قېتىم تۈزىتىلدى

2012 – يىل 12 – ئاينىڭ 28 – كۈنى 11 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 30 – يىغىنىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى››غا ئاساسەن 2 – قېتىم تۈزىتىلدى)

دېھقانچىلىقتا سورتنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش مەركەز قىلىنىپ، زىرائەت قۇرۇلمىسى، سورت قۇرۇلمىسى ۋە سۈپەت قۇرۇلمىسى تەڭشىلىدۇ.

ئورمانچىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئىھاتە ئورمان سىستېمىسى قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، تېز ئۆسىدىغان ھوسۇللۇق ئورمان، سانائەت خام ئەشيا ئورمىنى ۋە يېقىلغۇ ئورمىنى بەرپا قىلىش قەدىمى تېزلىتىلىدۇ.

ئوتلاق قوغداش ۋە بەرپا قىلىش كۈچەيتىلىپ، چارۋىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى تېزلىتىلىدۇ، ئېغىل – قوتاندا بېقىش ئۇسۇلى كېڭەيتىلىپ، چارۋا، قۇش نەسلى ياخشىلىنىدۇ، يەم – خەشەك سانائىتى ۋە چارۋا، قۇش مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى پائال راۋاجلاندۇرۇلىدۇ.

بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا، بېلىقچىلىق بايلىقىنى قوغداپ ۋە ئۇنىڭدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تۇتمىچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، ئوكيان بېلىقچىلىقى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى سىياسەت بەلگىلەپ، مەبلەغ ئاجرىتىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

17 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتى ۋە ئېتىز– ئېرىق سۇ ئىشلىرى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مۇھاپىزىتى، يېزا، كەنت يولى، يېزا ئېنېرگىيەسى ۋە ئېلېكتىر تورى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى زاپىسى ۋە ئوبوروتى، بېلىقچىلىق پورتى، ئوتلاق قاشاسى، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىي نەسلى – سورتى، سۈپەتلىك نەسلى – سورتى بازىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قوغدىشى ۋە ئۆستۈرۈشى لازىم.

18 – ماددا دۆلەت ھايۋانات، ئۆسۈملۈك نەسلى – سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىلاش ۋە سۈپەتلىك نەسىل – سورتنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىشكە يۆلەك بولىدۇ، نەسىل – سورتنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش بىلەن ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق قۇرۇلۇشى ۋە نەسىللىك چارۋا، قۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىدۇ. گوۋۇيۈەن ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، ھايۋانات، ئۆسۈملۈك نەسلى – سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، كېڭەيتىش خىزمىتىگە يۆلەك بولۇشقا ئىشلىتىدۇ.

19 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرى ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىپ، سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، سۇغىرىشقا ئىشلىتىدىغان سۇ مەنبەسىنى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىشنى قانۇن بويىچە قاتتىق كونترول قىلىشى، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ئېتىز – ئېرىق سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىنى ياكى بۇزۇۋېتىشنى مەنئى قىلىشى كېرەك.

دۆلەت سۇ قىس جايلاردا سۇ تېجەر يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا نۇقتىلىق يۆلەك بولىدۇ.

20 – ماددا دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى ئىشلىتىپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىشىغا يۆلەك بولىدۇ.

21 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان مېتېئورولوگىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىشى، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۆزىتىش ۋە بۇ ھەقتە ئالدىن مەلۇمات بېرىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

22 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى سىستېمىسى ۋە سۈپىتىنى پىرىيوم قىلىش، كۆزىتىش، نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى، مەشغۇلات قائىدىسى ۋە سۈپەت، تازىلىق، بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا، تىجارەت قىلىشقا تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

23 – ماددا دۆلەت سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىسپات – بەلگە تۈزۈمىنى قانۇن بويىچە ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەدبىر قوللىنىپ، سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى لازىم.

دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئالاقىدار بەلگىلەرنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قائىدە ئۆلچىمى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار قانۇن ياكى مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسىنى ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

24 – ماددا دۆلەت ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك يۇقۇم مۇداپىئە ۋە كارانتىن قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك يۇقۇم مۇداپىئە، كارانتىن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات، ئوت – چۆپ، چاشقان زىيىنىنى كۆزىتىش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىشنى كۈچەيتىدۇ، ئېغىر ھايۋانات يۇقۇمىنى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات زىيىنىنى تېز تۈگىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ، بەلگىلەنگەن ھايۋانات يۇقۇمسىز رايونى قۇرۇپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدۇ.

25 – ماددا دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، يەم – خەشەك ۋە يەم – خەشەك خۇرۇجى، ئوغۇت، ئۇرۇق، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى قاتارلىق ئادەم ۋە چارۋىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەت قىلىشتا، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تىزىملاش ياكى ئىجازەت بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن ۋە ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، يەم – خەشەك خۇرۇجى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، ساتقۇچىلار ئىشلىگەن، ساتقان مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ، ساختىسىنى راست قىلىپ، لاياقەتسىزلىرىنى لاياقەتلىك قىلىپ كۆرسىتىش مەنئى قىلىنىدۇ؛ دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋا دورىسى، يەم – خەشەك خۇرۇجى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش مەنئى قىلىنىدۇ.

4 – باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئوبوروت قىلىش ۋە پىششىقلاش

26 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش – سېتىش بازار ئارقىلىق تەڭشىلىدۇ. دۆلەت دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا ئالاقىدار مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش – سېتىشنى زۆرۈرىيەتكە قاراپ ماكرولۇق تەڭشەيدۇ، مەركەزنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ زاپاس ساقلاش، تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ساقلاش – توشۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بازارنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

27 – ماددا دۆلەت بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەتلىك، تەرتىپلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازار سىستېمىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. دۆلەت يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە دېھقانلارنىڭ كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قەرەللىك بازىرىنى قۇرۇشىغا يۆلەك بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى ۋە باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازىرىنى مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، سودا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىقنىڭ ۋە ناتوغرا رىقابەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

28 – ماددا دۆلەت ھەر خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. دېھقانلارنىڭ ۋە دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش، توپ سېتىش، ساقلاش، توشۇش، پارچە سېتىش ۋە ۋاسىتىچىلىك قىلىشىنى قوللايدۇ. تەمىنات – سودا كوپىراتىپلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان – ساتىدىغان باشقا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا بازار ئۇچۇرى يەتكۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروت يوللىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىغا ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك . ئالاقىدار مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى رەسمىيەتنى ئاددىيلاشتۇرۇشى، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇشقا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يېڭى، تىرىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش قوراللىرىنى تۇتۇپ قېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

29 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپى ۋە يېمەكلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سانائىتى ۋە يېمەكلىك سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ رايونلار بويىچە مۇۋاپىق جايلىشىشىغا ۋە كۆلەم قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى ۋە يېزا – بازار كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلىشىغا ۋە ئۇنىۋېرسال تەرەققىي قىلدۇرۇپ پايدىلىنىشىغا يۆلەك بولۇشى كېرەك.

دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى بېكىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش ۋاسىتىلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش جەريانىدىكى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

30 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورت – ئېكسپورت سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھام بېرىدۇ.

دۆلەت خەلقئارا بازار تەتقىقاتى، ئۇچۇر ۋە ماركېتىڭ مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش – سېتىش تەرتىپىنى ۋە ئادىل سودىنى قوغداش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىمپورتىدا سىگنال بېرىش تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ، بەزى ئىمپورت يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى دۆلەت ئىچىدىكى مۇناسىۋەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشىغا زور پايدىسىز تەسىر كۆرسەتكەندە ياكى كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغاندا، دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

5 – باب ئاشلىق بىخەتەرلىكى

31 – ماددا دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى قوغدايدۇ ۋە ئۆستۈرىدۇ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

دۆلەت تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي ئېتىزنى قانۇن بويىچە ئالاھىدە قوغدايدۇ.

32 – ماددا دۆلەت ئاشلىق چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنى سىياسەت، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە نۇقتىلىق يۆلەپ، مۇقىم تاۋار ئاشلىق بازىلىرىنى قۇرۇپ، ئاشلىقنى يىغىپ ساقلاش، پىششىقلاش ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، ئاشلىق چىقىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىدۇ.

دۆلەت ئاشلىق كۆپ چىقىدىغان جايلار بىلەن ئاشلىق كۆپ سېتىلىدىغان جايلارنىڭ مۇقىم سېتىۋېلىش – سېتىش ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى قوللايدۇ.

33 – ماددا ئاشلىقنىڭ بازار باھاسى زىيادە تۆۋەن بولغاندا، گوۋۇيۈەن بىر قىسىم ئاشلىق تۈرلىرىدە قوغدالما باھا تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلسا بولىدۇ. قوغدالما باھانى دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداشقا، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇش پىرىنسىپى بويىچە بېكىتىش لازىم.

دېھقانلار ئاشلىقنى قوغدالما باھا تۈزۈمى بويىچە ساتقاندا، دۆلەت ھاۋالە قىلغان سېتىۋالغۇچى ئورۇنلارنىڭ رەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە، پۇل مۇئامىلە تارمىقى قاتارلىق تارماقلارنى شۇنىڭدەك دۆلەت ھاۋالە قىلغان سېتىۋالغۇچى ئورۇنلارنى ئاشلىق سېتىۋېلىش مەبلىغىنى ۋاقتىدا، يېتەرلىك تەييارلاشقا تەشكىللىشى كېرەك، ھەرقانداق تارماق، ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئۇنى قىسىپ قېلىشىغا ياكى ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

34 – ماددا دۆلەت ئاشلىق بىخەتەرلىكى سىگنال تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئاشلىق تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. گوۋۇيۈەن ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىشانى ۋە ئاشلىقنىڭ زاپاس مىقدار كۆرسەتكۈچىنى بېكىتىشى ھەمدە ئېھتىياجىغا قاراپ، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنى تەشكىللەپ، تېرىلغۇ يەر ۋە ئاشلىق زاپىسىنى ئېنىقلىشى لازىم.

دۆلەت ئاشلىقنى مەركەزنىڭ ۋە يەرلىكنىڭ زاپاس ساقلاش، تەڭشەش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ، ساقلاش، توشۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ. دۆلەتنىڭ ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانىلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە زاپاس ئاشلىقنىڭ مىقدارى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

35 – ماددا دۆلەت ئاشلىق خەۋپ – خەتەر فوندى تەسىس قىلىپ، ئاشلىقنى زاپاس ساقلاش، ئاشلىق بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ئىشلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىدۇ.

36 – ماددا دۆلەت ئاشلىقنى قەدىرلەش ۋە تېجەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ خەلقنىڭ ئوزۇقلۇق قۇرۇلمىسىنى ياخشىلايدۇ.

6 – باب يېزا ئىگىلىكىگە سېلىنما سېلىش ۋە ئۇنى قوللاش، قوغداش

37 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەدىن سېلىنما سېلىش، باجدا ئېتىبار بېرىش، پۇل مۇئامىلىدە قوللاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، مەبلەغ سېلىنمىسى، پەن تەتقىقات ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش، مائارىپ، تەربىيەلەش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى تەمىناتى، بازار ئۇچۇرى، سۈپەت ئۆلچىمى، پىرىيوم، كارانتىن، ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ھەمدە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش – ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يۆلەك بولىدۇ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.

دۆلىتىمىز تۈزۈشكەن ۋە قاتناشقان ئالاقىدار خەلقئارا شەرتنامىلەرگە زىت كەلمىگەن ئەھۋالدا، دۆلەت دېھقانلارغا كىرىم مەدەت سىياسىتىنى يۈرگۈزىدۇ، كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن چىقىرىدۇ.

38 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ. مەركەز مالىيەسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك مالىيەنىڭ ھەر يىلى يېزا ئىگىلىكىگە سالىدىغان ئومۇمىي سېلىنمىسىنىڭ ئېشىش نىسبىتى شۇ دەرىجىلىك مالىيە دائىملىق كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مالىيە خامچوتىدا ئورۇنلاشتۇرغان يېزا ئىگىلىك مەبلەغلىرىنى ئاساسلىقى مۇنۇلارغا ئىشلىتىشى كېرەك: يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ھايۋانات، ئۆسۈملۈك كارانتىن، يۇقۇم مۇداپىئە سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھايۋانات يۇقۇملۇق كېسىلى ۋە ئۆسۈملۈكلەردىكى كېسەل، ھاشارات، ئوت – چۆپ، چاشقان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى، پىرىيوم قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقاتى، مائارىپى، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ۋە دېھقانلارنى تەربىيەلەشنى قوللاش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۆلەك بولۇش؛ دېھقانلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىش.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك مالىيەلەر دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئېتىز– ئېرىق سۇ ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغان يېزا ئىگىلىك ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى بىرتۇتاش غەملەپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ماسلاشتۇرۇپ ئاشۇرۇشى كېرەك.

دۆلەت غەربىي رايوننى ئېچىشنى تېزلىتىش ئۈچۈن، غەربىي رايوننىڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش سېلىنمىسىنى ئاشۇرىدۇ.

39 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەر يىلى مالىيە خامچوتىدا ئورۇنلاشتۇرغان يېزا ئىگىلىك مەبلىغىنى ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشى لازىم. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەبلىغىنى تەقسىم قىلىش، ئىشلىتىش جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.

ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ يېزا ئىگىلىك مالىيە مەبلىغى ۋە كىرېدىت مەبلىغىنى قىسىپ قېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىلىدىغان مالىيە مەبلىغى ۋە كىرېدىت مەبلىغى قاتارلىقلارنى ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى لازىم.

40 – ماددا دۆلەت باج، باھا، كىرېدىت قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت سېلىنمىسى ۋە كىچىك ئېتىز – ئېرىق سۇ ئىشلىرى قاتارلىق ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ.

دۆلەت دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىختىيارلىق ئاساسىدا قانۇن بويىچە كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەبلىغى غەملىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

41 – ماددا دۆلەت ئىجتىمائىي مەبلەغنى يېزا ئىگىلىكىگە سېلىشقا ئىلھام بېرىدۇ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنى مەبلەغ ئىئانە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشى ۋە يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا، مائارىپ فوندى تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ.

42 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى شۇنىڭدەك باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك ئۇچۇرىنى توپلاش، رەتلەش ۋە ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دېھقانلار ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىغا بازار ئۇچۇرى مۇلازىمەتلىرىنى ۋاقتىدا قىلىشى كېرەك.

43 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىكىگە ئائىت سانائەت تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدۇ ۋە يۆلەك بولىدۇ.

دۆلەت باج، كىرېدىت ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سودا ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ۋە يۆلەك بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ماددىي كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

دۆلەت ماكرولۇق تەڭشەش تەدبىرى قوللىنىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، دېھقانچىلىق يوپۇقى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ۋە يېزا ئىگىلىك دىزېلى قاتارلىق ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا مۇۋاپىق سېلىشتۇرما باھانى ساقلاپ قالىدۇ.

44 – ماددا دۆلەت تەمىنات – سودا كوپىراتىپى، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى، باشقا تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئالدىدىكى، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىنكى كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت ئىشلىرىغا مەدەت بېرىشى لازىم.

يېزا ئىگىلىك، سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، قاتناش – تىرانسپورت، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكىدە رايون ھالقىپ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا مەدەت بېرىشى لازىم.

45 – ماددا دۆلەت يېزا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئامانەت – قەرز تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى ۋە يېزا پۇل مۇئامىلىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، كىرېدىت سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشى، يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلىشى، دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيەتلىرىگە كىرېدىت جەھەتتە مەدەت بېرىشى لازىم.

يېزا ئامانەت – قەرز كوپىراتىپلىرى يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيىتىگە ئالدىن كىرېدىت مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەك.

دۆلەت ياردەم ئۆسۈم بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى دېھقانلارنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت تەشكىلاتلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت پائالىيەتلىرىگە قەرز پۇل بېرىشىگە ئىلھام بېرىدۇ.

46 – ماددا دۆلەت يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

دۆلەت سىياسەتلىك يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتا تۈزۈمىنى پەيدىنپەي ئورنىتىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى

    1999 - يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قامال قانۇنى

    (1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى 1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 61 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

    ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتنىڭ چىنلىقى، قا...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى

    دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇغۇرتا ئىشلىرىنى قوللايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ

  • قانداق ئەھۋالدا جازا ئۆتەۋاتقانلارنىڭ جازاسىنى كېمەيتىشكە بولىدۇ

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە قانۇنى››نىڭ 29 –ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماقجازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھەقىقەتەن تۆۋەقىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى ب...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有