جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قامال قانۇنى

مەنبە:

تەھرىر: bahtiyar

يوللانغان ۋاقتى: 2015-05-29 21:27:28

(1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18 - يىغىنىدا ماقۇللاندى

1996 - يىل 3 - ئاينىڭ 1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 61 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى)

1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 - ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2 - ماددا دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە خەۋپسىزلىكىگە ياكى جامائەت خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان مالىمانچىلىق، توپىلاڭ ياكى ئېغىر پاراكەندىچىلىك يۈز بېرىپ، پەۋقۇلئاددە تەدبىر قوللانمىغاندا، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلىغىلى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغىلى بولمايدىغان جىددىي ھالەت كۆرۈلگەندە، دۆلەت قامال قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

3 - ماددا پۈتۈن مەملىكەتتە ياكى ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە قامال قىلىشنى گوۋۇيۈەننىڭ تەكلىپى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا بىنائەن، قامال بۇيرۇقى چىقىرىدۇ.

ئۆلكە ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدىكى قىسمەن جايلارنى قامال قىلىشنى گوۋۇيۈەن قارار قىلىدۇ، قامال بۇيرۇقىنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى چىقىرىدۇ.

4 - ماددا قامال مەزگىلىدە، قامال قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، دۆلەت مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن، قامال رايونىدا پۇقرالارنىڭ ئاساسىي قانۇن، قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى ۋە ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشى ھەققىدە ئالاھىدە بەلگىلىمە چىقارسا بولىدۇ.

5 - ماددا قامال رايونىدىكى خەلق ھۆكۈمىتى مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى شۇنىڭدەك ئاساسلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

6 - ماددا قامال رايونىدىكى بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەر قامال بۇيرۇقىغا ۋە قامال بۇيرۇقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ئاكتىپ ياردەملىشىشى شەرت.

7 - ماددا دۆلەت قامال بۇيرۇقىغا ۋە قامال بۇيرۇقى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ قوغدايدۇ.

8 - ماددا قامال ۋەزىپىسىنى خەلق ساقچىلىرى، خەلق قوراللىق ساقچىلىرى ئىجرا قىلىدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەننىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا تەكلىپ بېرىشى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار قىلىشى بىلەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قامال ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشقا ياردەملىشىشكە ئەۋەتىلسە بولىدۇ.

2 - باب قامال قىلىش

9 - ماددا پۈتۈن مەملىكەتتە ۋە ئايرىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە قامال قىلىشنى گوۋۇيۈەن تەشكىللەيدۇ.

ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دائىرىسىدىكى قىسمەن جايلارنى قامال قىلىشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەيدۇ؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، گوۋۇيۈەن بىۋاسىتە تەشكىللىسە بولىدۇ.

قامال قىلىشنى تەشكىللىگۈچى ئورگان قامال قىلغۇچى ئورگان دېيىلىدۇ.

10 - ماددا قامال قىلغۇچى ئورگان قامال قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرىدۇ، قامال قوماندانلىق ئاپپاراتى قامال ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە قامال تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ.

قامال ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قامال قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بېكىتكەن ھەربىي ئورگان قوماندانلىق قىلىدۇ.

11 - ماددا قامال بۇيرۇقىدا قامال قىلىنىدىغان جاينىڭ دائىرىسى، قامالنىڭ باشلىنىش ۋاقتى ۋە قامال قىلغۇچى ئورگان قاتارلىقلارنى بەلگىلەش كېرەك.

12 - ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 2 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قامال قىلىدىغان جىددىي ھالەت تۈگىگەندىن كېيىن قامالنى ۋاقتىدا بىكار قىلىش لازىم.

قامالنى بىكار قىلىش تەرتىپى قامالنى قارار قىلىش تەرتىپى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

) D( c% @7 u& H D; v# D0 e

3 - باب قامال قىلىش تەدبىرى

3 I; W9 D8 u/ U7 A, Z* I2 M

13 - ماددا قامال مەزگىلىدە، قامال قىلغۇچى ئورگان قامال رايونىدا تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشنى قارار قىلسا ھەمدە كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى چىقارسا بولىدۇ:

(1) يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش، كوچىلاردا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى ۋە باشقا توپلىشىش پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلىش ياكى چەكلەش؛

(2) ئىش تاشلاش، بازار تاشلاش، دەرس تاشلاشنى مەنئى قىلىش؛

(3) خەۋەر قىلىشنى تىزگىنلەش؛

(4) ئالاقە، پوچتا ۋە تېلېگرافنى تىزگىنلەش؛

(5) چېگرىدىن كىرىش - چىقىشنى تىزگىنلەش؛

(6) قامالغا قارشى ھەر قانداق ھەرىكەتنى مەنئى قىلىش.

14 - ماددا قامال مەزگىلىدە، قامال قىلغۇچى ئورگان قامال رايونىدا قاتناشنى تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىپ، كىشىلەرنىڭ قاتناش تىزگىنلەنگەن جايغا كىرىش - چىقىشىنى چەكلەشنى ھەمدە قاتناش تىزگىنلەنگەن جايغا كىرىدىغان - چىقىدىغانلارنىڭ كىنىشكىسى، ئاپتوموبىلى ۋە نەرسىلىرىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

15 - ماددا قامال مەزگىلىدە، قامال قىلغۇچى ئورگان قامال رايونىدا كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش تەدبىرى قوللىنىشنى قارار قىلسا بولىدۇ. كېچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىنغان مەزگىلدە، كېچىدە يۈرۈش مەنئى قىلىنغان جايدىكى كوچا ياكى باشقا جامائەت سورۇنلىرىدا يۈرگۈچىلەر كىملىكىنى ۋە قامال قىلغۇچى ئورگان بەرگەن ئالاھىدە يول خېتىنى ئېلىۋېلىشى شەرت.

16 - ماددا قامال مەزگىلىدە، قامال قىلغۇچى ئورگان ياكى قامال قوماندانلىق ئاپپاراتى قامال رايونىدا تۆۋەندىكى بۇيۇملارنى باشقۇرۇشتا ئالاھىدە تەدبىر قوللانسا بولىدۇ:

(1) قورال - ياراق، ئوق دورىلار؛

(2) باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق سايمانلار؛

(3) ئاسان يانىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار؛

(4) خىمىيىۋى خەتەرلىك بۇيۇم، رادىئوئاكتىپلىق بۇيۇم، ئۆتكۈر زەھەرلىك بۇيۇم قاتارلىقلار.

17 - ماددا قامال رايونىدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى قامال ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش ئېھتىياجىغا قاراپ، دۆلەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيى، سورۇنى، ئۈسكۈنىسى، ترانسىپورت قورالى، قۇرۇلۇش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ۋاقىتلىق ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. پەۋقۇلئاددە جىددىي ئەھۋالدا، قامال ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغۇچى خەلق ساقچىلىرى، خەلق قوراللىق ساقچىلىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ نەق مەيداندىكى قوماندانلىرى ۋاقىتلىق ئېلىپ ئىشلىتىشنى بىۋاسىتە قارار قىلسا بولىدۇ، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياردەملىشىشى لازىم. ئېلىپ ئىشلەتكەندە تالون بېرىش كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ۋاقىتلىق ئېلىپ ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ بولغان ياكى قامال بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ۋاقتىدا قايتۇرۇش كېرەك؛ ئېلىپ ئىشلىتىپ بۇزۇپ قويغانلىرىغا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىشى لازىم.

18 - ماددا قامال مەزگىلىدە، قامال رايونىدىكى تۆۋەندىكى ئورۇنلار ۋە سورۇنلاردا تەدبىر قوللىنىپ، مۇھاپىزەتنى كۈچەيتىش كېرەك:

(1) باش ئورگانلار؛

(2) ھەربىي ئورگانلار ۋە مۇھىم ھەربىي ئەسلىھەلەر؛

(3) چەت ئەلنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودىكى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرى ۋە دۆلەت مېھمانلىرى چۈشكەن جايلار؛

(4) رادىئو - تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، دۆلەت ئاگېنتلىقى قاتارلىق مۇھىم ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مۇھىم ئەسلىھەلىرى؛

(5) دۆلەت ئىقتىسادى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك جامائەت كارخانىلىرى ۋە ئەسلىھەلىرى؛

(6) ئايرودروم، ۋوگزال ۋە پورتلار؛

(7) تۈرمە، ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش سورۇنى، سولاقخانىلار؛

(8) مۇھاپىزەتنى كۈچەيتىشكە تېگىشلىك باشقا ئورۇنلار ۋە سورۇنلار.

19 - ماددا قامال رايونىدىكى خەلقنىڭ ئاساسلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى تەمىناتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، قامال قىلغۇچى ئورگان ئاساسلىق تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى، توشۇلۇشى، تەمىناتى ۋە باھاسىنى باشقۇرۇشتا ئالاھىدە تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

20 - ماددا قامال قىلغۇچى ئورگان مۇشۇ قانۇن بويىچە قوللانغان قامال بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قوللانغان چارە - تەدبىرلەردىن جامائەت رىئايە قىلىدىغانلىرىنى ئېلان قىلىشى؛ قامال بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا، داۋاملىق قامال قىلىش زۆرۈرىيىتى بولمىغان چارە - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئەھۋالغا قاراپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى لازىم.

9 m+ Q; {; c% f8 [1 L8 e) t

4 - باب قامال نۆۋەتچىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

- |! |8 f0 [0 g9 ?" N" H; _% _

21 - ماددا قامال ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىغان خەلق ساقچىلىرى، خەلق قوراللىق ساقچىلىرى ۋە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى قامال نۆۋەتچىلىرىدۇر.

قامال نۆۋەتچىلىرى نۆۋەتچىلىك قىلىشتا، قامال قىلغۇچى ئورگان بىر تۇتاش بەلگىلىگەن بەلگىنى تاقىشى كېرەك.

22 - ماددا قامال نۆۋەتچىلىرى قامال قىلغۇچى ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، قامال رايونىنىڭ جامائەت يولىدىكى ياكى باشقا جامائەت سورۇنىدىكى كىشىلەرنىڭ كىنىشكىسى، ئاپتوموبىلى ۋە نەرسىسىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

23 - ماددا قامال نۆۋەتچىلىرى قامال قىلغۇچى ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى سەھەرگىچە تۇتۇپ قېلىشقا ھوقۇقلۇق ھەمدە تۇتۇپ قېلىنغۇچىنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇشقا، نەرسىسىنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق.

24 - ماددا قامال نۆۋەتچىلىرى قامال قىلغۇچى ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تۆۋەندىكى كىشىلەرنى دەرھال توختىتىپ قويۇشقا ھوقۇقلۇق:

(1) دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان جىنايەتنى ئۆتكۈزۈۋاتقانلار ياكى زور گۇمان تۇغدۇرغانلار؛

(2) قامال نۆۋەتچىلىرىنىڭ نۆۋەتچىلىك قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان ياكى قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر؛

(3) قاتناشنى تىزگىنلەش ياكى كېچىدە يۈرۈشنى مەنئى قىلىش بەلگىلىمىسىگە قارشىلىق كۆرسەتكەنلەر؛

(4) قامال بۇيرۇقىغا قارشىلىق كۆرسىتىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلغانلار.

25 - ماددا قامال نۆۋەتچىلىرى قامال قىلغۇچى ئورگاننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، توختىتىپ قويۇلغۇچىنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇشقا ھوقۇقلۇق، جىنايەت گۇماندارىنىڭ تۇرار جايىنى، جىنايەتچى ۋە جىنايەت گۇماندارىنى ياكى قورال - ياراغ، ئوق - دورا قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنى يوشۇرۇش گۇمانى بولغان سورۇننى ئاختۇرۇشقا ھوقۇقلۇق.

26 - ماددا قامال رايونىدا توپلىشىۋېلىپ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان، توسۇسا ئۇنىمىغانلارنى قامال نۆۋەتچىلىرى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە، ساقچى سايمىنىنى ئىشلىتىپ مەجبۇرىي توسسا ياكى تارقىتىۋەتسە ھەمدە ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ۋە بويسۇنمىغانلارنى نەق مەيداندىن مەجبۇرىي ئېلىپ كەتسە ياكى دەرھال توختىتىپ قويسا بولىدۇ:

(1) قانۇنسىز يىغىلىش ئۆتكۈزگەن، نامايىش قىلغان، كۈچ كۆرسەتكەن ۋە توپلىشىپ باشقا ھەرىكەت قىلغانلار؛

(2) جامائەت سورۇنلىرىنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلار؛

(3) دۆلەت ئورگانلىرى ياكى باشقا مۇھىم ئورۇن ۋە جايلارغا بۆسۈپ كىرگەنلەر؛

(4) قاتناش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ياكى قاتناشنى قەستەن توسۇپ قويغانلار:

(5) ئورگان، تەشكىلات، كارخانا، كەسپىي تەشكىلاتلار ۋە پۇقرالارنىڭ مال - مۈلكىنى ھە - ھۇ بىلەن بۇلىغان ياكى بۇزغانلار.

27 - ماددا قامال نۆۋەتچىلىرى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە توختىتىپ قويغانلارنى ۋاقتىدا تىزىملىشى ۋە ئۇلاردىن ۋاقتىدا سوئال سورىشى، داۋاملىق توختىتىپ قويۇش زۆرۈر بولمىغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشى لازىم.

قامال مەزگىلىدە توختىتىپ قويۇش، قولغا ئېلىش تەرتىپى ۋە مۆھلىتى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىسا بولىدۇ، لېكىن قولغا ئېلىشنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەستىقلىشى ياكى قارار قىلىشى كېرەك.

28 - ماددا قامال رايونىدا تۆۋەندىكى پەۋقۇلئاددە جىددىي ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، ساقچى سايمىنى ئىشلىتىپ توسقىلى بولمىغاندا، قامال نۆۋەتچىلىرى قورال - ياراغ قاتارلىقلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ:

(1) پۇقرالار ياكى قامال نۆۋەتچىلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكى زورلۇق خەۋپىگە ئۇچرىغاندا؛

(2) توختىتىپ قويۇلغان، قولغا ئېلىنغان، يالاپ مېڭىلغان ئەيىبكار زورلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن، قاتىللىق قىلغان ياكى قاچقاندا؛

(3) قورال - ياراغ، ئوق - دورىلارنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالماقچى بولغاندا؛

(4) مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان مۇھىم ئوبيېكت، نىشانلار زورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ياكى زورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراش جىددىي خەۋپى كۆرۈلگەندە؛

(5) ئوت ئۆچۈرۈش، خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش، قۇتقۇزۇش مەشغۇلاتى قىلىشتا ۋە باشقا مۇھىم جىددىي ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشتا ئېغىر دەرىجىدىكى زورلۇق كۈچنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغاندا؛

(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا قورال - ياراغ ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.

قامال نۆۋەتچىلىرى قورال - ياراغ ئىشلىتىشكە ئائىت بەلگىلىمىگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى شەرت.

29 - ماددا قامال نۆۋەتچىلىرى قانۇن، نىزاملارغا ۋە نۆۋەتچىلىك قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى، بۇيرۇققا بويسۇنۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، شۇ جايدىكى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشى، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلماسلىقى ۋە زىيان سالماسلىقى لازىم.

30 - ماددا قامال نۆۋەتچىلىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قانۇن قوغدايدۇ.

قامال نۆۋەتچىلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلغان ۋە زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە قانۇن جاۋابكارلىقىغا تارتىلىدۇ.

5 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ

31 - ماددا ئايرىم ناھىيە، شەھەرلەردىكى قىسمەن دائىرىدە ئېغىر پاراكەندىچىلىك تاسادىپىي يۈز بېرىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر خەۋپكە ئۇچرىغان بولسىمۇ، دۆلەت قامال قىلىش ھەققىدە قارار چىقارمىغاندا، شۇ جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، خەلق ساقچىلىرى، خەلق قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ قاتناش ۋە نەق مەيداننى تىزگىنلەپ، كىشىلەرنىڭ تىزگىنلەنگەن جايغا كىرىش - چىقىشىنى چەكلىشىنى، تىزگىنلەنگەن جايغا كىرىدىغان - چىقىدىغانلارنىڭ كىنىشكىسى، ئاپتوموبىلى ۋە نەرسىسىنى تەكشۈرۈشنى، پاراكەندىچىلىككە قاتناشقانلارنى مەجبۇرىي تارقىتىۋەتسە، نەق مەيداندىن مەجبۇرىي ئېلىپ كەتسە ۋە ئاختۇرسا بولىدىغانلىقىنى، ئۇيۇشتۇرغۇچىلار ۋە بويسۇنمىغانلارنى دەرھال توختىتىپ قويسا بولىدىغانلىقىنى قارار قىلسا ۋە تەشكىللىسە بولىدۇ؛ خەلق ساقچىلىرى ۋە خەلق قوراللىق ساقچىلىرىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا كۈچى يەتمىگەندە، گوۋۇيۈەن ئارقىلىق مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا تەكلىپ بەرسە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ نورمال جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى ۋە ساقلىشىغا ياردەملىشىشكە ئەۋەتىشنى قارار قىلسا بولىدۇ.

32 - ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك مەزمونلار

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى

    1999 - يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى

    مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك قانۇنى›› غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى (2012–يىل 12–ئاينىڭ 28–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى قانۇنى

    ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئاپپاراتىنىڭ تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بىلەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ھەق تەلەپ قانۇن ھەرىكىتىنىڭ، قانۇن ئەھمىيىتىگە ئىگە پاكىت ۋە ھۆججەتنىڭ چىنلىقى، قا...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇغۇرتا قانۇنى

    دۆلەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇغۇرتا ئىشلىرىنى قوللايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىنىدۇ

  • قانداق ئەھۋالدا جازا ئۆتەۋاتقانلارنىڭ جازاسىنى كېمەيتىشكە بولىدۇ

    ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرمە قانۇنى››نىڭ 29 –ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مۇددەتسىز قاماق جازاسى، مۇددەتلىك قاماقجازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جىنايەتچىلەردىن جازا ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ھەقىقەتەن تۆۋەقىلىش ياكى خىزمەت كۆرسىتىش ئىپادىسى ب...

شىركەت ھەققىدە بىكەت ھەققىدە ئېلان مۇلازىمىتى بانكا نۇمۇرى ئالاقىلىشىڭ كىرىش

شىنجاڭ باغداش ئېلىكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئۈرۈمچى شەھىرى غالىبىيەت يولى ئاقتاش گۈللىكى A بىنا 1206-نۇمۇر

ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13999846529 , 5155117-0991

Copyright © 2005-2015 Bagdax.Cn All Rights Reserved.

备案/许可证编号:新ICP备06003611号-1

新疆巴柯达什电子科技有限公司版权所有